Uyghur主要词典
سالامەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېسىلى يوق، ئاغرىق - سىلاقتىن خالىي.
ساقلانساڭ، ساق بولىسەن. ساق كۆز يىغلىسا، قارىغۇ كۆزدىن ياش چىقار. سالامەت تەندە ساغلام ئەقىل. ساغلام روھ بولمىسا، ساغلام تەن بولماس. كىيىشىم ماتا، تېنىم تازا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئاغرىق - سىلاق، كېسەلدىن خالىي.
ئاغرىق، كېسەل، بىتاپ، بىمار، خەستە، كەم ، ساقسىز، تاۋى يوق، مىجەزى يوق
تەن ساقلىقىدىن ئايرىلغان.
ساق يېرىمنىڭ ھالى يوق، ئاغرىق يېرىمنىڭ تايىنى يوق. تېنى ساققا تەمسىز تاماق يوق. ساغلام تەندە ئۈمىد بار، ئۈمىد بولسا ھەممە بار. سالامەت تەندە ساغلام ئەقىل. ئىككى كېسەل بىللە كەتتى، ساق بېرىپ، سالامەت قايتسۇن. كىيىشىم ماتا، تېنىم تازا. ئاغرىق بىلەن تازىلىق ئاراز. ھەر كىم ئۆز ئاغرىقىنى سۆزلەيدۇ. كېسىلىگە قاراپ دورا بەر. خەستە كىشىگە يول خەت كېسىلمەيدۇ. بىتاپ بولساڭ ئاپتاپقا چىق. بىمارغا بال ئاچچىق. بىر يېرىم كەم تۇرىدۇ، - دېدى ئاتام. مىجەزى يوقنىڭ ھالى يوق. ساقسىزنى قويۇپ ساقنى يۆلەپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
تېنى، بەدىنى كېسەل ۋە ئەيىبتىن خالىي؛ ساق.
سالامەت تەندە ساغلام ئەقىل (ماقال).
بۇزۇلمىغان، زىيان - زەخمەت تەگمىگەن.
ئوغۇت كۈچلۈك كەپقالسا، بۇلار شۇنداق ئالامەت. قايتا بىر سۇ باشلىسا، بۇغداي قالار سالامەت.
خەۋپ - خەتەردىن خالىي، تىنچ - ئامان، ئامان - ئېسەن.
مانا ھىمىتمۇ سالامەت يېنىڭدا تۇرۇپتۇ. قېنى ئۇكام كۆزۈڭنى بىر ئاچقىنا.
تىرىك، ھايات.
سالامەت قايتىپ كەلسەم، بالىمىزنى بىرلىكتە تەربىيلەيمىز، ئەگەر قۇربان بولۇپ كەتسەم، سەن ياخشى تەربىيىلىگىن.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
سالامەتخان، سالامەتقىز، سالامەتگۈل
ساغلام، ساق، بىخەتەر؛ تىنچلىق ساغلاملىق