Uyghur主要词典
ساغلاملىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېسەل، ئاغرىق - سىلاقتىن خالىيلىق.
ساقلىقىڭ - بايلىقىڭ. ئىككى نەرسىنىڭ قەدىرى يەتكەندىن كېيىن بىلىنەر: بىرى ياشلىق، بىرى سالامەتلىك. پۇلنىغۇ تاپارسەن، سالامەتلىكنى نەدىن ئالارسەن. ساغلاملىق نەدە، گۈزەللىك شۇ يەردە. تەن - تازىلىق _ زور بايلىق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ساق - سالامەت ھالەت.
ئاغرىقلىق، كېسەللىك، بىتاپلىق، ساقسىزلىق
ئاغرىق - سىلاق ھالەت.
ساقلىق - پادىشاھلىق. تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرايلى. سالامەتلىك - زور بايلىق. ساق - سالامەتلىك - ئەڭ زور بەخت. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈنگەن ھامان داۋالىتىش لازىم. بىتاپلىق ماغدۇرسىزلاندۇرىدۇ. ساقسىزلىق كىشىنى ھالىدىن كەتكۈزىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ساغلام بولغان ھالەت، ساقلىق، دۇرۇسلۇق.
چىشنى يۇيۇپ تۇرماسلىق چىشنىڭ ساغلاملىقىغا زىيانلىق.