Uyghur主要词典
ساغلام
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېسىلى يوق، ئاغرىق - سىلاقتىن خالىي.
ساقلانساڭ، ساق بولىسەن. ساق كۆز يىغلىسا، قارىغۇ كۆزدىن ياش چىقار. سالامەت تەندە ساغلام ئەقىل. ساغلام روھ بولمىسا، ساغلام تەن بولماس. كىيىشىم ماتا، تېنىم تازا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئاغرىق - سىلاق، كېسەلدىن خالىي.
ئاغرىق، كېسەل، بىتاپ، بىمار، خەستە، كەم ، ساقسىز، تاۋى يوق، مىجەزى يوق
تەن ساقلىقىدىن ئايرىلغان.
ساق يېرىمنىڭ ھالى يوق، ئاغرىق يېرىمنىڭ تايىنى يوق. تېنى ساققا تەمسىز تاماق يوق. ساغلام تەندە ئۈمىد بار، ئۈمىد بولسا ھەممە بار. سالامەت تەندە ساغلام ئەقىل. ئىككى كېسەل بىللە كەتتى، ساق بېرىپ، سالامەت قايتسۇن. كىيىشىم ماتا، تېنىم تازا. ئاغرىق بىلەن تازىلىق ئاراز. ھەر كىم ئۆز ئاغرىقىنى سۆزلەيدۇ. كېسىلىگە قاراپ دورا بەر. خەستە كىشىگە يول خەت كېسىلمەيدۇ. بىتاپ بولساڭ ئاپتاپقا چىق. بىمارغا بال ئاچچىق. بىر يېرىم كەم تۇرىدۇ، - دېدى ئاتام. مىجەزى يوقنىڭ ھالى يوق. ساقسىزنى قويۇپ ساقنى يۆلەپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئاغرىقتىن، كېسەلدىن خالىي؛ ساق، تەندۇرۇس.
ئاياللار تولغان ۋە ساغلام چېغىدا شوخ، گۈزەل بولىدۇ.
گاراڭ - گۇرۇڭ ياكى غىژ - غىژدىن خالىي، بوغۇلمىغان، ساز.
بۇ ساغلام، جەلپ قىلغۇچى. بېجىرىم ئاۋازنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرى سادىققا تونۇشتەك بىلىندى.
كۆچمە. زىيانلىق، ناچار ئىللەتلەردىن خالىي؛ پاك، ساپ.
رازىيە ئۇنىڭ ساغلام كۆز قاراشقا ئىگە قەيسەر يىگىت ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشىنىپ يەتكەنىدى.
ئۇلار قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا تۈپتىن كاپالەتلىك قىلدى.
كۆچمە. روھىي جەھەتتىن زەخىملەنمىگەن، ساق.
سالامەت تەندە ساغلام ئەقىل (ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
كېسەل ياكى بىتاپ بولمىغان، ساغلام كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ساغلام، بەردەم كىشى.