Uyghur←Chinese主要词典
سافىيلار سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
萨非王朝
sà fēi wáng cháo
ئىراندىكى فېئودال خاندانلىق (1502 - 1736). ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى ئىسمائىل Ⅰ ئەزەربەيجان ئاردابىل رايونىدىكى قەبىلە باشلىقى سافىدىن (1252 - 1334) نىڭ ئەۋلادى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئىسلام دىنىدىكى شىئە مەزھىپى دۆلەت دىنى قىلىنغان. دەسلەپتە تەبرىز پايتەخت بولغان. ئۇنىڭ تەۋەسى شەرقتە ئوتتۇرا ئاسىياغا، غەربتە كۇردىستان ۋە ئىراققىچە بارغان. 1514 - يىلدىن باشلاپ، نۇرغۇن قېتىم ئوسمان ئىمپېرىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان (<ئىران - تۈركىيە ئۇرۇشى>غا قاراڭ). ⅥⅩ ئەسىرنىڭ 70 - 80 - يىللىرىدا، ھەريىلى ئۇرۇش بولۇپ، زورلۇق بىلەن ئالۋان - ياساق ئېلىش نەتىجىسىدە دېھقانلار ۋەيران بولغان، مەملىكەت ئىچىدە كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ پارتلىغان، دۆلەتنىڭ ھالى بىر مەھەل خارابلاشقان. ئابباس Ⅰ تەختتە تۇرغان مەزگىلدە بىر قىسىم ئاقسۆڭەكلەرگە ۋە چوڭ سودىگەرلەرگە تايىنىپ، غەيرەتكە كېلىپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشكە تىرىشىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن، ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرغان، تاشقى سودىنى رىغبەتلەندۈرگەن، قۇدرەتلىق مۇنتزم ئارمىيە قۇرغان. 1598 - يىلى پايتەختنى ئىسفاھانغا يۆتكىگەن. سىرتقا قارىتا ئوسمان ئىمپېرىيسى ۋە ئۆزبىكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىنىنى قايتۇرۋېلىپ، كۆپ مىللەتلىك قۇدرەتلىك دۆلەت بەرپا قىلغان. ⅦⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، سىنىپىي زىددىيەت ۋە مىللىي زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشى ئارقىسىدا، خاندانلىق خارابلىشىشقا قاراپ ماڭغان. 1722 - يىلى ئافغانلار ئىسفاھانغا بېسىپ كىرگەن، پادىشاھ سۇلتان ھۈسەيىن تەسلىم بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى تاھماسىپ (؟ - 1739) شىمالغا قېچىپ بېرىپ، ئۆزى پادىشاھ بولغان. 1729 - يىلى ئافغانلارنى قوغلاپ چىقارغان. 1736 - يىلى چوڭ پاشا نادىر شاھ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن سافى خاندانلىقى ئاخىرقى ھېسابتا يوقالغان.