Uyghur主要词典
سافىيلار سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
ئىراندىكى فېئودال خاندانلىق (1502 - 1736). ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى ئىسمائىل Ⅰ ئەزەربەيجان ئاردابىل رايونىدىكى قەبىلە باشلىقى سافىدىن (1252 - 1334) نىڭ ئەۋلادى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئىسلام دىنىدىكى شىئە مەزھىپى دۆلەت دىنى قىلىنغان. دەسلەپتە تەبرىز پايتەخت بولغان. ئۇنىڭ تەۋەسى شەرقتە ئوتتۇرا ئاسىياغا، غەربتە كۇردىستان ۋە ئىراققىچە بارغان. 1514 - يىلدىن باشلاپ، نۇرغۇن قېتىم ئوسمان ئىمپېرىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان (<ئىران - تۈركىيە ئۇرۇشى>غا قاراڭ). 19 - ئەسىرنىڭ 70 - 80 - يىللىرىدا، ھەريىلى ئۇرۇش بولۇپ، زورلۇق بىلەن ئالۋان - ياساق ئېلىش نەتىجىسىدە دېھقانلار ۋەيران بولغان، مەملىكەت ئىچىدە كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ پارتلىغان، دۆلەتنىڭ ھالى بىر مەھەل خارابلاشقان. ئابباس Ⅰ تەختتە تۇرغان مەزگىلدە بىر قىسىم ئاقسۆڭەكلەرگە ۋە چوڭ سودىگەرلەرگە تايىنىپ، غەيرەتكە كېلىپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشكە تىرىشىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن، ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرغان، تاشقى سودىنى رىغبەتلەندۈرگەن، قۇدرەتلىق مۇنتزم ئارمىيە قۇرغان. 1598 - يىلى پايتەختنى ئىسفاھانغا يۆتكىگەن. سىرتقا قارىتا ئوسمان ئىمپېرىيسى ۋە ئۆزبىكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىنىنى قايتۇرۋېلىپ، كۆپ مىللەتلىك قۇدرەتلىك دۆلەت بەرپا قىلغان. 17 -ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، سىنىپىي زىددىيەت ۋە مىللىي زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشى ئارقىسىدا، خاندانلىق خارابلىشىشقا قاراپ ماڭغان. 1722 - يىلى ئافغانلار ئىسفاھانغا بېسىپ كىرگەن، پادىشاھ سۇلتان ھۈسەيىن تەسلىم بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى تاھماسىپ (؟ - 1739) شىمالغا قېچىپ بېرىپ، ئۆزى پادىشاھ بولغان. 1729 - يىلى ئافغانلارنى قوغلاپ چىقارغان. 1736 - يىلى چوڭ پاشا نادىر شاھ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن سافى خاندانلىقى ئاخىرقى ھېسابتا يوقالغان.