Uyghur←Chinese主要词典
سادوۋېئانۇ
دۇنيا تارىخى
萨多维亚努
sà duō wéi yà nǔ
(1880 - 1961) رومىنىيىلىك يازغۇچى. ئادوۋكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ۋە ژورنال تەھرىرى بولغان. فاشىستلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ئىلغار گېزىت بولغان <ھەقىقەت گېزىتى>، <تاڭ گېزىتى> گە مەسئۇلمۇھەررىر بولۇپ، ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيەتكە زەربە بېرىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ئازادلىقتىن كېيىن رومىنىيە مىللىي پارلامېنت ھەيئەت رىياسىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. جەمئىي 120 نەچچە روما، ھېكايە يازغان. ئاساسىي ئەسەرلىرى: <كەپىلىكلەر>، <پالتان>، <لەيلەپ قالغان تۈگمەن>، <شاگىرتلىق يىللاردا>، <مىترىيە كوكور>، <تاقىلىق نىكولا> قاتارلىقلار.