Uyghur←Chinese主要词典
سادوۋا جېڭى
دۇنيا تارىخى
萨多瓦战役
sà duō wǎ zhàn yì
كونىگراتىس بىرلەشمە جېڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رۇسسىيە - ئاۋسترىيە ئۇرۇشىدىكى بىر مۇھىم جەڭ. 1866 - يىل7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، پرۇسسىيە، ئاۋستىرىيە قوشۇنلىرى سادوۋا (ھازىرقى چېخوسلوۋاكىيەدە)دا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. پرۇسسىيە 129 مىڭ كىشلىك قوشۇن چىقارغان، ئاۋسترىيە 238 مىڭ كىشىلىك قوشۇن چىقارغان. پرۇسسىيە قوشۇنلىرىغا كارل مولكې قوماندانلىق قىلىپ، ئاۋستىرىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى ئېغىر تالاپەت تارتقۇزۇپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن. 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى فرانسىيەنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن، ئىككى تەرەپ نىكولىسبۇرگدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان.