Uyghur主要词典
رىزۋان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
رازىلىق، مەمنۇنىيەت؛ رازىلىق، مەمنۇنىيەت جەننىتى؛ سەككىز جەننەتنىڭ بىرى:
سەن ئاي پەرىلەر ئەختەرىڭدۇر،
رىزۋان ئىلە بارچە چاكەرىڭدۇر.
ئەرشى.
ئىقامەت چۈنكى قىلدىڭ، بابىرا، ئول ھۇر كويىدا،
مەقامىڭ رەۋزەدىن ئەۋلا، ئۆزۈڭ رىزۋاندىن ئارتۇقسەن.
بابىر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
رازىلىق، مەمنۇنلۇق؛ كۆچمە مەنىسى: جەننەت؛ جەننەت دەرۋازىسىدا قاراۋۇللۇق قىلىدىغان پەرىشتە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىنىي چۈشەنچە بويىچە، ئۇ دۇنيادىكى ھەممە تەييار، ھەممە گۈزەل باغ
« ئېرەم، رەۋەزە، رىزۋان » لار جەننەتنىڭ ناملىرى.
جەننەت زۇلۇم يوق يەردە. مېھمان كەلگەن ئۆي جەننەت. دوزاخقا كۆنگەن كۆڭۈل بېھىشكە كۆنمەپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت جەننەت.
ئەگەرچە بولسىمۇ بۇ جاي باياۋان، بۇلارغا بولدى گويا باغى رىزۋان.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.