Uyghur主要词典
رىسالە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: رەسايىل. خەت، مەكتۇپ؛ كىتابچە؛ رەسايىل.
ئىشتى، سامېئا، بۇ ناقىس ئۆزدىن سۆز،
داغى كۆر بۇ رىسالە، بولسە گەر كۆز. .
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قوللانما، كىتابچە؛ مەكتۇپ (كۆپلۈكى <رەسايىل>).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر كەسىپ، ساھە، دائىرىگە ئائىت كىچىك كىتاب.
ھەر خىل كەسپىي ساھەگە دائىر رىسالىلەرنى كۆپرەك نەشىر قىلىش تەلەپ قىلىندى. «ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى» دىن بىر مۇنچە ئەسەرلەر مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن بروشۇرا قىلىپ چىقىرىلغان ئىدى. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشىر قىلغان «تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى»، «ئىشلەپچىقىرىش مەسلىھەتچىسى» دېگەن كىتابچىلار ئالقىشقا ئېرىشتى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <برۇشۇرا> ياكى <قىسقا مۇلاھىزە> دېگەنلىك بولىدۇ. سۈننىي مەزھىپىدىكى شافىئىييە ئىلمى ئېقىمىنىڭ مۇھىم فىقھە ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنى ئىمام شافىئىي يازغان. ئەسەر رىسالە شەكلىدە يېزىلغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كىتاب قىلىنغان. ھەدىس تەرەپدارلىرى ۋە پىكىر تەرەپدارلىرىنىڭ بىتەرەپ مەيدانىدىن ئۆزگىچە مەيداندا تۇرۇپ، <قۇرئان كەرىم> دىكى ئەھكاملار، ھەدىس ئەھكاملىرى، ئىجمائ، قىياستىن ئىبارەت ئەھكام چىقىرىشنىڭ تۆت پرىنسىپىنى سىستېمىلىق دەلىللىدى ھەمدە دەسلەپكى چاغلاردا ئومۇملاشقان پىكىر، ئىجتىھاد، ئەقلىي يەكۈن، ئەل ئىستىھسان، ئىستىسلاھ قاتارلىق فىقھە ئۇسۇللىرىنى ۋە پرىنسىپلىرىنى تەھلىل قىلدى. بۇ ئەسەر ئىراق ۋە مىسىردا مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە. 1903 - يىلى قاھىرەدە نەشر قىلىندى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر ساھە، بىرەر كەسىپ ۋە ئۇنىڭ تەرتىپ، قائىدە - قانۇنلىرىغا ئائىت كىتابچە، براشۇر.
تۆمۈرچىلىك رىسالىسى. مىسكەرلىك رىسالىسى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ۋەزىپە؛ خەت؛ كىتاب