Uyghur主要词典
رۇخسەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىجازەت، رۇخسەت، رۇخەس.
تامام قىلدى ئايتىپ ئەرز سۆزىنى گۇمنام،
بۇدۇر: بېرىڭ رۇخسەت، بولمسا كېرەكىم.
گۇمنام.
سەبا ئول دەمدە گۈلدىن رۇخسەت ئالدى،
قوپۇپ ۋەقتى سەھەردە يولنى ئالدى.
خىرقەتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يول قويۇش، ماقۇل كۆرۈش.
ئۆلۈمگە ھېچكىم رۇخسەت سورىماس. ئىجازەت بېرىلگەن ئىشنى يەنە سوراۋەرمە. جاۋاب ئېنىق، قورقماي ئىشلە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
قارشى تەرەپنىڭ مەلۇم بىر ئىشنى بېجىرىشىگە بېرىلگەن ئىجازەت، رازىلىق، جاۋاب.
رۇخسەت ئالما. رۇخسەت سورىماق.
<مەرھەمەت، كىرىڭ> دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ.
ئامىنە ئىشىكنى چەكتى. ئۆي ئىچىدىن <رۇخسەت> دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى