Uyghur主要词典
رۇداكى
دۇنيا تارىخى
(858 - 941). پارىس شائىرى. سەمەرقەندنىڭ يېنىدىكى رۇداك كەنتىدە تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق نام ئالغان. بالىلىقىدىلا ناھايىتى ئۆتكۈر بولۇپ، سەككىز يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن. ئاتاقلىق ئۇستازلاردىن سەنئەت ئۆگىنىپ، ئەينى زاماندا داڭقى چىققان ناخشىچى ۋە سازەندىگە ئايلانغان. كېيىن سامانىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانى ناسىر Ⅱ (914 - 943-يىللاردا تەختتە تۇرغان) نىڭ ئەمرى بىلەن بۇخاراغا كېلىپ، ئوردا شائىرى بولغان. تەخمىنەن 937-يىلى نەزەردىن چۈشۈپ ئوردىدىن قوغلانغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكۈزۈپ، يۇرتىدا ئۆلگەن. ئۇ ئەسەرلىرىنى پارىسچە يازغان، ئۆمرىدە ناھايىتى نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان بولسىمۇ، ھازىر پەقەت مىڭ كۇپلېتتىن ئارتۇق ئىككى مىسرالىق شېئىرلىرىلا ساقلىنىپ قالغان ھەمدە مەسەل - چۆچەكلەر توپلىمى <كەلىلە - دەمىنە> نى ئەرەب تىلىدىن پارىسچە داستان قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەرجىمە قىلغان.