Uyghur主要词典
رۇمدىكى سالجۇقىيلار سۇلتانلىقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
سالجۇقىيلارنىڭ كىچىك ئاسىيادا قۇرغان ئىسلام دۆلىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 1071 - يىلىدىكى مەنچىكىت ئۇرۇشىدىن كېيىن، كۆچمەن تۈركىي چارۋىچى قەبىلىلىرى كىچىك ئاسىيانى تازىلىدى. سالجۇقىيلار ئوردىسىدىكى سۇلەيمان بىننى قۇتلۇمىش (؟ - 1086) 1079 - يىلى بۇيرۇق بويىچە مۇشۇ نىسايانى ئىشغال قىلىپ، كېيىن پايتەخت قىلىپ، مۇستەقىل دۆلەت بولدى. قىلىج ئارسلان1155Ⅱ - يىلىدىن 1192 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان( دەۋرىدە كونيانى پايتەخت قىلىپ كىچىك ئاسىيانى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى بەلگىلىدى، دانىشمېند جەمەتى قاتارلىق بۆلۈنۈۋالغان يەرلىك كۈچلەرگە زەربە بېرىلگەچكە، ۋىزانتىيە ئىمپېراتۇرى مەنئۇئېل )1143 - 1180( نىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقى تارمار قىلىندى. 1150 - يىلىدىن 1250 - يىلىغىچە بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي گۈللەندۈرۈلۈپ، مەدەنىيەت - سەنئىتى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. ئىسلام ئۆلىمالىرى، شائىرلىرى ۋە تەسەۋۋۇپچىلىرى جەلپ قىلىندى. ⅢⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ، ئىلىكخان خانلىقىغا قاراشلىق بولدى. ⅣⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى 10 نەچچە تۈرك دۆلىتىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. كېيىن ئوسمانىيلار تەرىپىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، <ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى> بولۇپ شەكىللەندى.