Uyghur主要词典
رۇم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قەدىمكى رىم:
ئىسفەندىيارى رۇم چىقىپ تىكىتسە ئەلەم،
بولدى كۆرۈپ ھەزىمەت، ئانى شام لەشكەرى.
شەيغى سەرايى.
سەندىن يەنە تاپمايىن جەھاندا،
كىردىم يەنە رۇم ئىلە يەمەن، يوق.
موللا سالېھ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
گرېك خەلقى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئەرەبلەر شەرقىي رىم(ۋىزانتىيە) ئىمپېرىيىسىنى شۇنداق دەيدۇ. Ⅵ ئەسىردىكى 20 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى پارسلار ئۇنىڭ مىسىر، سۈرىيە، پەلەستىن قاتارلىق جايلىرىنى ئىشغال قىلىۋالدى. كېيىن پارسلار مەغلۇپ بولۇپ، شەرقىي رىم قولىدىن كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇۋالدى. بۇ تارىخىي پاكىت «قۇرئان كىرىم» دە مۇنداق ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ : «رۇملۇقلار يېقىن بىر جايدا (ئەرەب يېرىم ئارىلىغا يېقىن جاي كۆزدە تۇتۇلىدۇ)يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ (30 - سۈرىنىڭ 2-، 3-، 4 - ئايەتلىرى). مۇفەسسىرلەرنىڭ قارىشىچە، بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ»، دېگەن سۆز ئاللانىڭ بېشارىتىدۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
«رىم»گە قاراڭ.