Uyghur主要词典
رىسالە فى ئەرە ئەھلال مەدىنە ئەل فەزىلاھ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(پەزىلەتلىك شەھەردىكى ئاھالىنىڭ پىكىرنامىسى) ئەرەبچە تىلدا يېزىلغان مەشھۇر سىياسىي ئەسەر بولۇپ، ئۇنى ئەبۇ نەسىر فارابى يازغان. بۇ ئەسەر 1323 - يىلى قاھىرەدە نەشر قىلىنغان. مۇئەللىپ كۆڭۈلدىكىدەك ئوبدان شەھەرنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: شەخسلەر بىلەن جامائەت ئوتتۇرىسىدىكى توغرا، ياخشى مۇناسىۋەت ئارقىلىق، شەخسنىڭ بەختى ۋە جامائەتنىڭ مەنپەئىتىگە يېتىدۇ؛ ھەربىر ئادەم ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەيدۇ ھەمدە شۇنىڭغا مۇناسىپ ھەق ئالىدۇ؛ رەھبەرلىك قىلغۇچىلارنىڭ ئەقلى كامىل بولۇپ، ئۇلار توغرا تەسەۋۋۇر ۋە ھۆكۈم قىلالايدۇ، كىشىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق توغرا يېتەكچىلىك قىلالايدۇ ھەمدە شەرىئەتنىڭ چەكلىمىسىگە تايىنىپ جەمئىيەتتىكى چىرىكلىك ۋە چۈشكۈنلۈكنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. مۇئەللىپ ئوبدان شەھەرنىڭ ئاھالىسىنى مۇنداق تۈرلەرگە ئايرىغان: ھەقىقىي بەختنى بىلمەيدىغان، شەخسىي ئارزۇنىڭ كەينىگە قارىغۇلارچە كىرىپ كەتكەنلەر، يەنى نادان ئاھالە؛ ھەقىقىي بەختنى بىلسىمۇ، لېكىن شەرىئەتتىن چەتنەپ ھەرىكەت قىلغانلار، يەنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ئاھالە؛ قاراش ۋە ئەمەللىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭكىنى راست قىلىدىغانلار ھەمدە ئەل داھىيىسىنىڭ ئالدامچىلىقىنى <ۋەھىي> قىلىۋالغانلار، يەنى ئازغان ئاھالە ھېسابلىنىدۇ. ئوبدان شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشى ماسلاشقان، خاتىرجەم، دوستلۇق بىلەن تولغان بولۇشى لازىم؛ ئۇنداق بولماي، ئاھالە بىر - بىرىدىن تالاشسا، بىر - بىرىگە دۈشمەنلىك قىلسا، ئازابقا پېتىپ قالىدۇ. ئاخىرەتتىمۇ ئوبدان شەھەر ئاھالىسىنىڭ روھى مەڭگۈ خاتىرجەم، بەختلىك بولىدۇ. ئوبدان بولمىغان شەھەر ئاھالىسىنىڭ روھى مەڭگۈ بەختلىك بولالمايدۇ ياكى ھايۋاناتلارنىڭ روھىدەك ئۆلىدۇ ۋە يوقىلىپ كېتىدۇ. بۇ كىتابتا مۇئەللىپنىڭ قەدىمكى گرېك پەلسەپە ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئەپلاتوننىڭ <كۆڭۈلدىكىدەك دۆلەت> ئەندىزىسى بىلەن شەرىئەت پرىنسىپلىرىنى بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشقانلىقى، رېئال تۇرمۇش بىلەن ئاخىرەتتىكى روھنىڭ ئاقىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئەسەر كۈچلۈك دىنىي تۈستىكى غايىۋى جەمئىيەت تەلىماتىغا ئىگە بولۇپ، ئىبنى ياججەنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسىگە ۋە <قۇتادغۇبىلىك> كە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن.