Uyghur←Chinese主要词典
رېنۇۋىن
دۇنيا تارىخى
勒努文
lè nǔ wén
(1893 - 1974) فرانسىيىلىك تارىخشۇناس. پارىژ داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1933-يىلدىن باشلاپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پارىژ داشۆسى ۋە سىياسىي پەن تەتقىقات يۇرتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1946-يىلى ئېتىكا ۋە سىياسىيشۇناسلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. مەخسۇس دىپلوماتىيە تارىخى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخى ئۈستىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئاساسىي ئەسەرلىرى: <1914-يىلدىكى ئۇرۇشنىڭ بىۋاسىتە مەنبەسى>، <ياۋروپادىكى كرىزىس ۋە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى>،<1840 - 1940-يىللاردىكى يىراق شەرق مەسىلىسى>، <1815 - 1970-يىللاردىكى خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخى>، <1871 - 1914-يىللاردىكى خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخى>.