Uyghur←Chinese主要词典
رېننېس
دۇنيادىكى شەھەرلەر
雷恩
léi ēn
فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەھەر، ئىل - ۋىلايىن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر ئىل ھەم ۋىلايىن دەريالىرىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان. ئاھالىسى 200 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ شەھەر 1720 - يىلى ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولۇپ، كېيىن قايتا قۇرۇلغان. ھازىر شەھەردە 14 - ئەسىردىن 19 - ئەسىرگىچە ئارىلىقتا سېلىنغان چېركاۋلار، قەدىمىي خان سارايلىرىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قالغان. رېننېس فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم سودا ھەم يېزا ئىگىىك مەركىزى بولۇپلا قالماي، يەنە مەشھۇر ئاپتوموبىل، ئېلېكترون سانائەت بازىس ھېسابلىنىدۇ. شەھەردە ئاپتوموبىل ھەم ئېلېكترون سانائەتلىرىدىن باشقا يەنە ماشىنىسازلىق، نەشرىياتچىلىق، ئۆي جاھازلىرىنى ياساش، كىيىم - كېچەك، نېفىت ئايرىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى، رېننېس داشۆسى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار.