Chinese→Uyghur主要词典
日耳曼尼亚志
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە تەزكىرىسى
كىتاب ئىسمى. تولۇق ئاتىلىشى <گېرمانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، تارقالغان رايونلىرى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى ھەققىدە>. قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى تارىخشۇناس تاستۇس يازغان. تەخمىنەن مىلادى 98 - يىلى يازغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ يەنە بىر ئەسىرى - <ئاگرىكولا تەرجىمىھالى> نىڭ يەنە بىر قىسمى قىلىنغان. پۈتۈن كىتاب 46 - پاراگراف بولۇپ، ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، 1 - پاراگرافتىن 27 پاراگرافقىچە ئومۇنىي بايان سۆزلەنگەن، 28 پاراگرافتىن 46 - پاراگرااقىچە ئوخشاش بولمىغان ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئەھۋالى ئايرىم - ئايرىم خاتىرلەنگەن. گېرمان قەبىلىلىرىنىڭ تارقىلىشى، ئىقتىسادىي تۇرمۇشى، سىياسىي تەشكىلاتلىرى، ئۆرپ - ئادەتلىرى ۋە دىنىي ئېتىقادلىرى قاتارلىقلار ھەققىدە بىرقەدەر تەپسىلىي ۋە ئېنىق مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، كېيىنكىلەرنىڭ قەدىمكى گېرمانلارنى تەتقىق قىلىشىدىكى مۇھىم تارىخىي ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ. ئېنگلېس <ئائىلە، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى>، <قەدىمكى گېرمانلارنىڭ تارىخى ھەققىدە> قاتارلىق ئەسەرلىرىدە بۇ كىتابتىكى ماتېرىياللاردىن كۆپلەپ نەقىل كەلتۈرگەن. خەنزۇچە تەرجىمىسىمۇ بار.