Chinese→Uyghur主要词典
日美和好条约
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە - ئامېرىكا يارىشىش شەرتنامىسى
ئامېرىكا - ياپونىيىنى مەجبورلاپ ئىمزالاتقۇزغان دۆلەتنى ئېچىۋېتىش شەرتنامىسى، كاناگاۋادا ئىمزالانغانلىقتىن <كاناگاۋا شەرتنامىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1853 - يىلى 7 - ئاي ۋە 1854 - يىلى 2 - ئايدا ئامېرىكا شەرقىي ھىندىستان فلوتىنىڭ قوماندانى پېررىي ئىككى قېتىم فلوتنى باشلاپ ياپونىيىگە بېسىپ كىرىپ، شوگناتتىن پورتلارنى ئېچىۋېتىپ سودا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. قوراللىق تەھدىت ئاستىدا، ياپونىيە 1854 - يىل 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئامېرىكا بىلەن بۇ شەرتنامىنى تۈزگەن. جەمئىي 12 ماددا بولۇپ، ئاساسىي مەزمونى: ياپونىيە شىمودا، ھاكوداتى پورتىنى ئېچىۋېتىپ، ئامېرىكا پاراخوتلىرىدىكى خادىملارنى يېمەكلىك، كۆمۈر قاتارلىق زۆرۈرۈ بۇيۇملار بىلەن تەمىنلەش؛ ئامېرىكا شىمودادا كونسۇل تۇرغۇزۇش ھەمدە ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەتلىك ئورۇندىن بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت. بۇ شەرتنامە ئىككىنچى يىلى 2 - ئايدا تەستىقلانغان. شەرتنامە ئىمزالانغاندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە، ياپونىيە ئىلگىرى - كېيىن ئەنگلىيە، روسىيە ۋە گوللاندىيە بىلەن مەزمونى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان شەرتنامىلەرنى ئىمزالىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ياپونىيىنىڭ دۆلەتنى سىرت بىلەن ئالاقە قىلدۇرماسلىق تۈزۈلمىسى ئومۇميۈزلۈك گۇمران بولغان.