Uyghur主要词典
رىيازەت چەكمەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
قىيىنچىلىق تارتماق، ئازاب چەكمەك:
تا رىيازەت چەكمەيىن تاپماسكى ۋەسلى يارنى،
تا تىرىكمەن ئەيلەسەم ئالدىدا خىرزمەتكارلىق.
نەۋبەتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېغىرچىلىق، قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرمەك.
كىمكى جاپا چەكمىدى، راھەتكىمۇ يەتمىدى. جاپا تارتىپ تاپقان شەرەپ ئاسانلىقچە ئۇنتۇلماس. جاپا _ مۇشەققەت چەكمىگەن ئاشىق مېھىر _ مۇھەببەتنىڭ قەدرىگە يەتمەس. ھەرەج تارتساڭ ئەجىر ئالىسەن. مۇشەققەت چەكسەڭ، مۇسىبەت كۆرمەيسەن. رىيازەت چەكمىگەن ۋاپانىڭ قەدىرىگە يەتمەس.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
جاپا- مۇشەققەت تارتماق، قىينالماق، ئازابلانماق: ئۆتمۈشنى ئۇنتۇسا ھەر كىم، شۇملۇقتىن ئۆزگىنى بىلمەس، ئۆزى ئۈچۈن رىيازەت چەككەن، بەختنىڭ مەنىسىنى بىلمەس.