Uyghur主要词典
رىيا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىككى يۈزلىمىلىك؛ مۇناپىق، ئىككى يۈزلىمىچى، ئۆزىن يامانلىقلاردىن ساقلانغان قىلىپ كۆرسىتىش:
زاھىد سۈپەت شەيخلەرىڭ مەسجىد سەرى يۇرغۇسى،
قوللارىدە تەسىبىھى رىيا تائەت قورغۇسى.
مەشرەپ.
زەھىدلەرىكى، تائەتۇ تەقۋەسىدۇر رىيا،
كەلسە قولىغا ھەرنە ئاڭا بولسە مۇددەئا،
سەبۇرى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
راست ئەمەس، ھەقىقىي ئەھۋالغا زىت.
<يالغان>، <يالغان - ياۋىداق> ئومۇمەن گەپ - سۆزگە قارىتىلىدۇ.
<ساختا>، <جا>، <رىيا> لار ئادەم ۋە نەرسىلەرگە قارىتىلىدۇ، ھىيلە - مىكىر ئارىلاشقان بولىدۇ.
<غەلەت> ئەسلى ھالىدىن باشقىچە ھال.
<جا> خەنزۇچە: 假
يالغانمۇ يولى بىلەن بولسۇن. يالغان - ياۋىداقنىڭ ئۇۋىسىنى تاپماق تەس. ساختا مال ئاسان سېزىلىدۇ. جا ئادەم ئاخىر جاندىن ئايرىلىدۇ. رىيا ئىش يامانلىققا قوشنا. غەلەت ھەرىكەت قىلساڭ، غەلىبە يوق.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يالغان، ساختا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت. ئۆزىنى يالغاندىن ياخشى قىلىپ كۆرسىتىش، ئىككى يۈزلىمىلىك.
بىرى شەخسىيپەرەس زالىم، بىرى قاشقىر مىجەز ھاكىم، بىر گال بەندىسى <ئالىم>، .... ساداقەتتە رىيا كۆردۈم.