Uyghur主要词典
رەئىسلىك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. رەئىسلەر قىلىشقا، ئۆتەشكە تېگىشلىك خىزمەت، ئىش.
سايلام داۋاملاشتۇرۇلۇپ، سەپداشلارنىڭ ھەممىسى بىر ئېغىزدىن ل. مۇتەللىپنى تەشكىلات رەئىسلىكىگە كۆرسەتتى.
ئى. بىرەر مەجلىس، يىغىلىش قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش ۋە ئۇلارغا رىياسەتچىلىك قىلىش ئىشى، خىزمىتى.
يىغىنغا رەئىسلىك قىلغۇچى كىشى ئورۇق ئىدى.
سۈپ. رەئىسكە خاس، رەئىسكە تەئەللۇق.
ئەتىسى كۈن تۇغۇشى بىلەن ئالاۋىدىن ئەبۇ ئەششامات دىۋانغا كىرىپ، رەئىسلىك كۇرسىغا ئولتۇرۇپتۇ.