Uyghur主要词典
رەئىيە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
رەئىيەت.
تەزۋىر بىرلە بىزنى ئىكى، ئوننى يۈز پۈتۈپ،
سالسە رەئىيەلەرغە دەما - دەم تۈمەن ئەزاب.
سەبۇرى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خەلق، پۇقرا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بىر دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئاددىي خەلقى.
خان، پادىشاھ
ئومۇمەن دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى، دۆلەتنى ئىدارە قىلغۇچى.
خان قوزۇق، پۇقرا ئوزۇق. ئۆدەك يوق كۆلدە لايخورەك خان بوپتۇ. پادىشاھ ئادىل بولسا، پۇقرا مايىل بولار. پادىشاھنىڭ يىلتىزى رەئىيەدە، رەئىيەدىن قول ئۈزمە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر دۆلەتنىڭ تەۋەلىكىدىكى ۋە شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنى بويىچە ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەيدىغان كىشى.
ئىككى پۇتىدا تىك تۇرغان پۇقرا، تىز پۈككەن ئەربابتىن ئەلا. ئەت قويسا ئامبال، يوق سوراق، پۇقرا ياقالمايدۇ چىراق. رەئىيەدىن قولۇڭنى تارتىما. گراژدان ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىشى كېرەك.