Chinese→Uyghur主要词典
人叁
بىئولوگىيە
ئادەمگىياھ
ئارالىيە ئائىلىسىگە كىرىدۇ. كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئاساسىي يىلتىزى گۆشلىشىدۇ، شەكلى ئۇرچۇقسىمان ياكى سىلىندىرسىمان، رەڭگى ئاچ سېرىق بولىدۇ؛ يىلتىزسىمان غولى قىسقا بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 - 60 سانتىمېتر كېلىدۇ. 3 - 6 دانە ئالقانسىمان مۇرەككەپ يوپۇرمىقى غولىنىڭ ئۇچىدا ئايلانما بولۇپ ئۆسىدۇ؛ كچىىك يوپۇرمىقى 3 - 5 دانە بولۇپ، ئوتتۇرىدىكى بىرىسى ئەڭ چوڭ، شەكلى ئېللىپىس شەكىللىكتىن ئۇزۇن ئېللىپىس شەكىللىككىچە، تۈۋى شىنا شەكىللىك، تۆۋەنگە سوزۇلغان، گىرۋىكىدە ھەرە چىشى بولىدۇ، ئۈستۈنكى يۈزىدىكى تومۇرىدا تارقاق ئۆسكەن قىل تۈكچىلىرى بولۇپ، ئاستىنقى يۈزى سىلىق بولىدۇ؛ ئەڭ سىرتىدىكى بىر جۈپ يوپۇرماق كىچىك، سېپى قىسقا بولىدۇ. كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى چوققىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، گۈلى كىچىك، ئاچ سارغۇچ يېشىل. ئوچۇق قىزىل رەڭلىك بولىدۇ. شەرقىي شىمالغا تارقالغان، چاۋشەندىمۇ بار، ھازىر ھەر قايسى ئورۇنلاردا سىناق قىلىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ. يىلتىزى تەركىبىدە ساپونىن، ئادەمگىياھ كىسلاتاسى، ئۇچۇشچان ماي، فىيتوستېرول، ۋىتامىن قاتارلىقلار بولىدۇ؛ ئۇ پۇت - قولغا ماغدۇر پەيدا قىلىش، خىلىتىنى ئۆستۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئاساسەن كوللاپس، نەپەسلىنىش ئاجىز بولۇش، قان يوقىتىش، چۆچۈپ يۈرەك قوزغىلىش ۋە بارلىق ماغدۇرسىزلىق ۋە خىلىت يېتىشمەسلىكتىن بولغان ئاجىزلىقنى داۋالايدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئادەمگىياھنىڭ يەنە مەركىزىي نېرۋىلانى قوزغىتىش رولى بار ئىكەن؛ ئۇنىڭ مىقدارى ئاز بولغاندا يۈرەكنىڭ تارىيىش كۈچى ۋە تەكرارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، مىقدارى كۆپرەك بولغاندا يۈرەكنىڭ تارىيىش كۈچىنى تىزگىنلەيدۇ.