Uyghur←Chinese主要词典
راىئو ئاكتىپلىق كاربون ئارقىلىق دەۋرنى بېكىتىش
دۇنيا تارىخى
放射性碳素断代
fàng shè xìng tàn sù duàn dài
قەدىمكى ئاسار ئەتىقىلەرنىڭ مۇتلەق يىلىنى ئۆلچەپ بېكىتىشتىكى بىر خىل ئۇسۇل. تەبىئەت دۇنياسىدىكى كاربون ئېلېمېنتىنىڭ رادىئو ئاكتىپلىق ئىزوتوپى C - 14 بولۇپ، ئۇنىڭ قويۇقلۇقى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ خىل C - 14، CO 2 شەكلىدە ھەر خىل ئالمىشىپ تۇرىدۇ. ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئۆلۈشى ھامان كاربوننىڭ ئالمىشىشى توختايدۇ، شۇنداقلا تاشقى مۇھىتتىن C - 14 تولۇقلىيالماي، ھەر 5730 يىلدا ئەسلىدىكى مىقدارىنىڭ يېرىمى تېزلىكىدە ئۈزلۈكسىز كېمىيىپ بارىدۇ. شۇڭا قەدىمدىن قېپقالغان ئورگانىك ماددىلاردىكى C - 14 نىڭ رادىئو ئاكتىپلىقىنىڭ كېمىيىش دەرىجىسىگە ئاساسلىنىپ ئورگانىك ماددىنىڭ ئۆلگەن يىلىنى ئېنىقلىۋېلىشقا بولىدۇ. لېكىن بۇ ھېسابلاشتا بەلگخلىك پەرقنىڭ بولۇشى تەبىئىي. نۆۋەتتە، C - 14 ئارقىلىق 40 - 50 مىڭ يىل دائىرىسىدىكى دەۋرنى ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدۇ، زەررە تېزلىتىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ 70 - 001 مىڭ يىل دائىرىسىدىكى دەۋرنى ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدۇ.