Uyghur主要词典
راىئو ئاكتىپلىق كاربون ئارقىلىق دەۋرنى بېكىتىش
领域: دۇنيا تارىخىقەدىمكى ئاسار ئەتىقىلەرنىڭ مۇتلەق يىلىنى ئۆلچەپ بېكىتىشتىكى بىر خىل ئۇسۇل. تەبىئەت دۇنياسىدىكى كاربون ئېلېمېنتىنىڭ رادىئو ئاكتىپلىق ئىزوتوپى C-14 بولۇپ، ئۇنىڭ قويۇقلۇقى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ خىل C-14، CO2 شەكلىدە ھەر خىل ئالمىشىپ تۇرىدۇ. ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئۆلۈشى ھامان كاربوننىڭ ئالمىشىشى توختايدۇ، شۇنداقلا تاشقى مۇھىتتىن C-14 تولۇقلىيالماي، ھەر 5730 يىلدا ئەسلىدىكى مىقدارىنىڭ يېرىمى تېزلىكىدە ئۈزلۈكسىز كېمىيىپ بارىدۇ. شۇڭا قەدىمدىن قېپقالغان ئورگانىك ماددىلاردىكى C-14 نىڭ رادىئو ئاكتىپلىقىنىڭ كېمىيىش دەرىجىسىگە ئاساسلىنىپ ئورگانىك ماددىنىڭ ئۆلگەن يىلىنى ئېنىقلىۋېلىشقا بولىدۇ. لېكىن بۇ ھېسابلاشتا بەلگخلىك پەرقنىڭ بولۇشى تەبىئىي. نۆۋەتتە، C-14 ئارقىلىق 40 - 50 مىڭ يىل دائىرىسىدىكى دەۋرنى ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدۇ، زەررە تېزلىتىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ 70 - 001 مىڭ يىل دائىرىسىدىكى دەۋرنى ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。