Uyghur←Chinese主要词典
رائىليات ۋارى تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
菜特瓦尔制
cài tè wǎ ěr zhì
رائىليات ھىندى تىلىدا دېھقان دېگەن سۆز بولۇپ، ئۇ ئەسلى ئەرپچە rá، a a (تىرىقچىلىق) دېگەن سۆزدىن كەلگەن. ئۇ دېقھانلارنىڭ ئىجارە تۈزۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئاخىرىىدن ⅩⅨ ئەسىرىنىڭ باشلىرىغىچە ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى ھىندىستاننىڭ مادراس ۋە بومباي ئۆلكىلىرىدە يولغا قويۇلغان. 1818 - 1823-يىللىرى ئارىلىقىدا تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرۇلغان. ئەنگلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى فېئودال ۋاڭ - گۇڭلارنى ۋە باج ھۆددىگەرلىرىنى ۋاسىتە قىلماي، ئۇلارنى خوجىلىق يەرلىرىدىن ۋە ئىجارە ئېلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، ۋارىسلىق قىلىنىدىغان يىللىق باجنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. دېھقانلارنى يەر ئىگىسى دەپ ئېتىراپ قىلىپ، ئۇلاردىن بىۋاسىتە ئىجارە ھەققى ئالغان (يەردىن چىققان ئومۇمىي مەھسۇلاتنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ياكى يېرىمىنى). كېيىن دېھقانلار بۇنداق يۇقىرى يەر ئىجارىسىنى كۆتۈرەلمىگەنلىكتىن، گەدەندىكى باج كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىپ، يەر تەرىجىي ھالدا فېئودال ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەرلەر ۋە جازانىخورلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن. ماركس بۇنداق تۈزۈمنى فرانسىيىدىكى دېھقانلار ئىگىدارچىلىقىنى قوپال دوراش دېگەندى.