Uyghur←Chinese主要词典
رائېدېر
دۇنيا تارىخى
雷德尔
léi dé ěr
(1876 - 1960)، فاشىستلار گېرمانىيىسى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى، دېڭىز ئارمىيە مارشالى، ئۇرۇش جىنايەتچىسى. كىئېل دېڭىز ئارمىيە ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە جىللاند دېڭىز ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئاساسەن گېرمانىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى كۈچىنى قۇرۇپ چىقىشقا مەسئۇل بولغان. گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن 1933-يىلى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن، 1939-يىلى دېڭىز ئارمىيە مارشالى ئۇنۋانى بېرىلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ نورۋىگىيىگە باستۇرۇپ كىرىشىگە قوماندانلىق قىلغان ھەمدە ئوتتۇرا دېڭىزى رايونىنى دەرھال كونترول قىلىشنى ۋە ئاتلانتىك ئوكياندا ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1943-يىلى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئۇرۇشتىن كېيىن نيۇرىنبۇرگ خەلقئارا ھەربىي سوتى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. كېسەللىك سەۋەبىدىن 1955-يىلى قويۇپ بېرىلگەن.