Uyghur主要词典
راۋالپىندى سۈلھ شەرتنامىسى
领域: دۇنيا تارىخىئەنگلىيە ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان شەرتنامە. ئۈچىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە - ئافغانىستان ئۇرۇشى ئاياغالاشقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ 1919-يىل 7-ئاينىڭ 26-كۈنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلاپ، 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئافغانىستان ۋەكىلى ئەلى ئەخمەد شاھخان بىلەن ئەنگلىيە ۋەكىلى خامىلتون گرانت سېر ھىندىستاندىكى راۋالپىندى (ھازىر پاكىستانغا قاراشلىق) دا ئىمزالىغان ئافغانىستان بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈلھ شەرتنامە (ۋاقىتلىق كېلىشىم). جەمئىي بەش ماددا بولۇپ، ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: ئەنگلىيە ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ؛ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىنىڭ بۇرۇنقى پادىشاھى بىلەن ئەنگلىيە بەلگىلىگەن ئافغانىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا پاسىلىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。