Uyghur主要词典
راۋا بولماق
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
(1) ئورۇنلۇق، توغرا دەپ ھېسابلانماق؛ راۋا كۆرۈلمەك: - ياۋاش ئادەمنى بوزەك قىلساڭ راۋا بولامدۇ، - دېدى ئۇ. (2) لايىق، ماس كەلمەك، مۇناسىپ بولماق: - ئۇنداق قىلساق ئۇ ئىككىسى بىر تۇغقان بولغانلىقى ئۈچۈن راۋا بولمايدۇ، - دەپتۇ ئۇ. (3) تەۋە، تەئەللۇق بولماق، مەنسۇپ بولماق: - مېنى تالاق قىلىۋاتسا، يەنە بۇ ۋاپاسىز بىلەن ئۆي تۇتىمەنمۇ، قانداقمۇ راۋا بولسۇن! - دېدى ئايال.