Uyghur主要词典
راتتاززى
دۇنيا تارىخى
(1808 - 1873) ساردىنىيە پادىشاھلىقنىڭ باش ۋەزىرى (1859 - 1860). ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى (1862 - 1867). ئوتتۇرا بۇرژۇئا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئادۋوكات بولغان. 1848-يىلى پېمونت پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1849-يىلى پېمونت پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1849-يىلى گىئوبېرتى ئورنىغا ھۆكۈمەت باشلىقى بولغان. نوۋارا جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1852-يىلى كاۋۇزنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن پارلامېنت رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1859-يىلى 7-ئايدا كاۋۇرنىڭ ئارقىسىدىنلا ئىچكى كابىنېت تەشكىل قىلغان. ئىتالىيىنى بىرلىككە تەيىنلەنگەن. 1859-يىلى 7-ئايدا كاۋۇرنىڭ ئارقىسىدىنلا ئىچكى كابىنېت تەشكىل قىلغان. ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەسىلىسىدە ئىلگىرىكى سىياسەتنى داۋاملىق ئىجرا قىلغان، كېيىن فرانسىيە بىلەن ساۋوييا ۋە نىس مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1862-يىلى رىكاسولنىڭ ئورنىدا ئىچكى كابىنېت تەشكىللەپ، پادىشاھنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسىگە ئىگە بولغان. شۇ يىلى 8-ئايدا گارىبالدىنىڭ رىمغا ھۇجۇم قىلىشىنى قوراللىق كۈچ بىلەن توسۇپ، مەملىكەت ئىچىدە غەزەپ - نەپرەت قوزغىغانلىقتىن يىل ئاخىرىدا ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1867-يىلى 4-ئايدا يەنە بىر بىر قېتىم ئىچكى كابىنېت تەشكىللىگەن، ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە ئىتالىيە چېركاۋىنىڭ مال مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىش پەرمانىنى ئېلان قىلغان. كېيىن رىم مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا فرانسىيىنىڭ قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن.