Uyghur主要词典
راپاللو شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
تولۇق ئاتىلىشى <گېرمانىيە بىلەن روسىيە سوۋېت فېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىىكى كېلىشىم>. 1922-يىل 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىتالىيىنىڭ گېنويە شەھەر ئەتراپىدىكى راپاللۇدا ئىمزالانغان. ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: شەرتنامە تۈزۈشكەن ئىككى تەرەپ ئۇرۇش خىراجىتى ۋە ئۇرۇش مەزگىلىدە تارتقان زىيانلىرىنى تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە قوشۇلىدۇ؛ گېرمانىيە سوۋېت روسىيىسى ئېلان قىلغان دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش پەرمانىغا نىسبەتەن ئوتتۇرىغا قويغان مۇناسىۋەلتىك تەلەپلىرىىدن ۋاز كېچىدۇ، لېكىن سوۋېت روسىيىسىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش تەلەپلىرىنى قاندۇرماسلىقىنى شەرت قىلىدۇ؛ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كەلتۈرۈلىدۇ؛ ئىكى دۆلەت سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىش جەھەتتە ئالاھىدە مەنپەئەتدار دۆلەت مۇئامىلىسى پرىنسىپىنى قوللىنىپ، ئۆزئارا دوستلۇق روھى ئاساسىدا ھەمكارلىشىدۇ؛ ئىككى دۆلەت ئۇرۇش ئەسىرلىرىگە بېقىش پۇلى بېرىشنى توختىتىدۇ. شەرتنامىنىڭ ئىمزالىنىشى ئىككى دۆلەتنى دىپلوماتىيە جەھەتتىكى يەككە - يېگانە ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە جاھانگىرلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى بىرلەشمە سېپىنى بۇزۇپ تاشلاپ، جاھانگىر دۆلەتلەر ئوتتۇرىىدىكى زىددىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇرغان. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى بېرلىندا يەنە <1922-يىل 4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى راپاللو شەرتنامىسىنىڭ قوشۇمچە كېلىشىمى> ئىمزالانغان. راپاللو شەرتنامىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئوكرائىنا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق ئالتە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى بىلەن گېرمانىيىنىڭ مۇناسىۋەت پرىنسىپى بەلگىلەنگەن.