Uyghur主要词典
راكوۋىسكىي
دۇنيا تارىخى
(1821 - 1867) بۇلغارىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. شائىر، سىياسىي ئوبزورچى. ياش ۋاقتىدا كونستانتىنوپولدىكى بىر گرېك مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1842-يىلى تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى پارتىزانلىق ئەترىتىگە قاتناشقان. 1856-يىلى <بۇلغارىيە خاتىرىسى> گېزىتىنى تەسىس قىلغان. 1857-يىلى <ئورمانلىقتىكى يولۇچى> دېگەن داستانىنى يېزىپ، بۇلغارىيە خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرىشىنى مەدھىيلىگەن. 1860-يىلنىڭ بېشىدا بېلگرادقا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ، <دوناي دەرياسى ئاققۇسى> گېزىتىنى چىقارغان. 1861 - 1862-يىللىرى ۋېربىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، بۇلغارىيە <پولكى> نى قۇرغان. 1863-يىلى رومىنىيىگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ، <كەلگۈسى گېزىتى> نى چىقارغان. كېيىن بۇلغارىيە مۇھاجىرلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئىسلاھاتچىل <مەخپىي مەركىزىي كومىتېت> قا قارشى تۇرۇشقا قوزغاپ، <ئالىي خەلق ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابى> ۋە قوراللىق قوشۇن بەرپا قىلغان.