Uyghur主要词典
راكوس
دۇنيا تارىخى
(1676 - 1735) فرانسىس Ⅱ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋېنگرىيىنىڭ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسى. تارانسىلۋانىيىدىكى چوڭ ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1703-يىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان، 1704-يىلى ترانسىلۋانىيە شاھزادىسى بولۇپ سايلانغان. 1707-يىلى فرانسىيىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ۋېنگرىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ھابىسبۇرگ خادانلىقىنىڭ ۋېنگرىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ۋېنگرىيە دۆلىتىنىڭ باشلىقى بولغان. فېئوداللىق زۇلۇمنى يوقاتمىغانلىقى ئۈچۈن، تەدرىجىي ھالدا دېھقانلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغان. 1708 - 1710-يىللىرىدا قوزغىلاڭچى قوشۇن مەغلۇپ بولغان. 1711-يىلى قوراللىق كۈرەش توختىغاندىن كېيىن، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن.