Uyghur主要词典
رايىش
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پارە ئالغۇچى بىلەن پارە بەرگۈچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭغۇچى؛ پەيتلىك ئوق (ئوقيا ئوقى)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مىجەز - خۇلقى ياخشى، ئىشنىڭ يولىنى بىلىدىغان.
ساراڭنىڭ ئوڭى يوق، پاشىنىڭ قوڭى. ئاقنى كۆككە ئۇلىغان ئوڭلۇق خېنىم. رايىش موللام ئىش تاپماس. ئوڭامۇق ئەر - ئوڭلۇق كىشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېغىر - بېسىق، غەلۋىسى يوق.
مېھمان قويدىنمۇ ياۋاش. شىر ھەرقانچە ياۋاش بولسىمۇ، قولۇڭنى ئاغزىغا تىقما. رايىش موللام زاكات ئالار. قەھرىتان قىشتا توڭگۇزمۇ مۆمىن.
شىۋىلەر
يۇۋاش، قۇلىقى يۇمشاق. مەسىلەن: رايىش بالا _ يۇۋاش بالا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
گەپ - سۆزگە كىرىدىغان، قۇلىقى يۇمشاق، ياۋاش، مۇلايىم، مۆمىن، ئىتائەتچان.
رايىش بالا. رايىش ئادەم.