Uyghur主要词典
رايى قايتماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر سەۋەبتىن، ئاۋۋالقى قىزغىنلىق، يېقىنلىق سۇسلاشماق، كۆڭۈلسىزلەنمەك.
سۇغا سالسام سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى. دوستۇڭنىڭ رايى قايتقۇچە، دۈشمىنىڭنىڭ بوينى سۇنسۇن.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىرەر ئىشتىن كۆڭلى سوۋۇماق، رايى يانماق: - يەرلىرىنىڭ پېتىرلىقى، قۇم - بوراننىڭ كۆپلۈكى، ئادەملىرىنىڭ نامراتلىقىنى ئويلىساملا يۇرتۇمدىن رايىم قايتىدۇ، - دېدى ئۇ.