Uyghur主要词典
قىزىل تۇپراق ئەل
دۇنيا تارىخى
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت نامى. ئۇنىڭ جۇغراپىيىۋى ئورنى توغرىسىدا پالېمباڭ، مالاككا، سوڭكىلا (مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان) دېگەن قاراشلار بولۇپ، سوڭكىلا دېيىش ئەقىلغا مۇۋاپىقراق ياكى كېداخ بەگلىكىنىڭ باشقىچە تەرجىمە قىلىنىشى دەپمۇ قارىلىدۇ. <سۈينامە. جەنۇبتىكى يات ئەللەر تەزكىرىسى. قىزىل تۇپراق تەزكىرىسى> دە <تۇپرىقى قىزغۇچ بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق نام بېرىلگەن> دېيىلگەن. پايتەختى زىنجىھار شەھىرى. پادىشاھنىڭ فامىلىسى چۈي تەن، ئاھالىسىنىڭ كۆپى كىخمېرلار. ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. بۇددا دىنىمۇ تارقالغان. مىلادى 607 - يىلى (سۈي سۇلالىسى دايەنىڭ 3 - يىلى ) جۇڭگو سۈي سۇلالىسىدىن چاڭچۈن، ۋاڭ جۈنجېڭ قىزىل تۇپراق ئېلىگە ئەلچى بولۇپ بارغان. 610 - يىلى (سۈي سۇلالىسى دايەنىڭ 6 - يىلى) قىزىل تۇپراق ئېلىنىڭ شاھزادىسىگە ئايىگا چاڭ جۈن قاتارلىقلار بىلەن جۇڭگوغا كېلىپ جاۋابەن زىيارەتتە بولغان. Ⅸ ئەسىردىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولۇپ <كونا تاڭنامە. جۇغراپىيە تەزكىرىسى> دىمۇ قەيت قىلىنغان.