Uyghur主要词典
قىزىل جۈمە
دۇنيا تارىخى
(1) ۋېنگرىيە ئىشچىلار سىنىپى ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نامايىش ئېلىپ بارغان كۈن. 1905 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى (جۈمە كۈنى)، بۇداپېشت ئىشچىلىرى ۋېنگرىيە پارلامېنتى چاقىرىلىش ھارپىسىدا نامايىش ئېلىپ بارغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ قېتىمقى نامايىشقا 150 مىڭ كىشى قاتنىشىپ، سايلام تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلغان، بىراق نامايىش باستۇرۋېتىلگەن. 1907 - يىلى، ۋېنگرىيە پارلامېنتى سايلام قانۇن لايىھىسىنى ئېلان قىلىپ مۈلۈكدارلارنىڭ 2 - 3 ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بارلىقىنى بەلگىلىگەن، 65 پىرسەنت پۇقرالار سايلام ھوقۇقىغا ئىگە بولالمىغان، بۇ ئش كەڭ ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. شۇ يىلى 11 - ئايدا، پايتەخت ئىشچىلىرى يەنە بىر نۆۋەت <قىزىل جۈمە> نامايىشى ئېلىپ بارغان، بىرىنچى قېتىملىقىغا قارىغاندا كۆلىمى تېخىمۇ زور بولغان ئېتىراز بىلدۈرۈش دولقۇنىنى قوزغىغان، سوتىسيال دېموكراتلار پارتىيىسى ئوڭچى يولباشچىلىرىنىڭ ساتقۇنلۇقى تۈپەيلىدىن نامايىش ئەكسىيەتچى ئارمىيە - ساقچىلار تەرىپىدىن ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرۋېتىلگەن. (2) ئەنگلىيە ھازىرقى زامان تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئىش تاشلاش ۋەقەسى بولۇپ، 1926 - يىلىدىكى ئومۇمىي ئىش تاشلاشنىڭ بېشارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرى ئەنگلىيە سودا - سانائىتى خارابلىشىپ، ئىشسىزلارنىڭ سانى تېز كۆپەيگەن، سىياسىي ۋەزىيەت داۋالغۇش ئىچىدە قالغان. 1925 - يىلى ئەنگلىيە كۆمۈر سانائىتى گېرمانىيە كۆمۈر سانائىتى رىقابىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كرىزىس يۈز بەرگەن. كۆمۈر سانائىتى كاپىتالىستلىرى كان ئىشچىلىرىنىڭ ئىش ھەققىنى كېمەيتىپ، ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ھەمدە ئىتتىپاق بويىچە تىجارەتنى توختىتىش ئارقىلىق ئىشچىلار سىنىپىغا تەھدىت سالغانل. 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى (جۈمە كۈنى) كۆمۈر كان، ترانسپورت ۋە تۆمۈر يول ئىشچىلىرى <ئۈچ بۇرجەكلىك ئىتتىپاقى> ئىش تاشلاپ، ئۇلارغا قايتۇرما زەربە بەرگەن. بالدۋىن ھۆكۈمىتى باستۇرۇش تەييارلىقىنى ئىشلەپ بولالمىغاچقا، ئىشچىلارنىڭ توققۇز ئايلىق ئىش ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت كان خوجايىنلىرىغا ياردەم پۇلى ئاجرىتىپ بېرىشنى بەلگىلەش بىلەن، بۇ قېتىمقى توقۇنۇشنى پەسەيتكەن. ئەنگلىيە ئىشچىلىرى شۇنىڭدىن كېيىن 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنىنى قىزىل جۈمە دەپ ئاتىغان.