—参考资料
قوغۇن
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق، تاۋۇزغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى ياماشقۇچى غول بولۇپ، ئۈستىدە يۇمشاق تۈكچىلىرى بولىدۇ. يوپۇرمىقى دۈگىلەك، تۇخۇم شەكلىدە ياكى بۆرەك شەكلىدە، گۈلى سېرىق كېلىدۇ. مېۋىسى ئۇزۇن ئېللىپىس شەكلىدىكى شىرنىلىك مېۋە بولۇپ، يۈزى سىلىق، تەمى تاتلىق، خۇش پۇراق كېلىدۇ. خىللىرى كۆپ بولۇپ، مېۋە ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، ئېتى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا، مېۋىسىنى ئۈزۈپ تىلىپ، ئۇرۇقى ۋە ئېتىنى ئايرىم قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
سۈيدۈك ھەيدەش، بەدەنگە ئوزۇق بولۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، تەرەت يۇمشىتىش، مېڭە ۋە بەدەندە ھۆللۈك پەيدا قىلىش، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
قوغۇننى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەننى سەمرىتىپ، قىزىتما ۋە يەرقانغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قوغۇننىڭ ئېتىنى كۆزگە چېپىپ بەرسە، كۆز ئاغرىقى ۋە كۆزدىكى ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قوغۇننى توغرىغا بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، تېرىدىكى ئىز ۋە قارا داغلارنى يوقىتىدۇ.
قوغۇننىڭ قۇرۇتۇلغان شاپىقىنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، بۆرەك ۋە دوۋسۇندىكى ئۇششاق تاشلارنى ئېزىپ چىقىرىدۇ.
例句
بۇ يىلىقى قوغۇنلار بەك شىرىن بولۇپتۇ.
翻译: The melons this year are very sweet.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。