Uyghur主要词典
قۇشقۇن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېگەر - توقۇمنىڭ ئارقىسىدىن ئات - ئۇلاغنىڭ قۇيرۇقى ئاستىغا ئىلىپ قويىدىغان تاسما.
«كۆتۋەللىك» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىدۇ.
قۇشقۇن پۇختا بولسا، داۋاندىن چۈشۈشتىن قورقما. قۇشقۇنغا قىستۇرۇلغان پوقتەك. قۇشقۇنغا ئولتۇرماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئېگەر، چوم، ئۇچۇلۇقلارنىڭ ئالدى تەرەپكە كېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلاغنىڭ قۇيرۇقىدىن ئۆتكۈزۈپ تارتىپ قويۇلىدىغان تاسما، ئۇلاڭ.