Uyghur主要词典
قۇشقاچ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قۇشلارنىڭ بىر ئائىلىسى، جۇغى كىچىك، قاناتلىرى ئۇزۇن، تۇمشۇقى سوزۇنچاق بولىدۇ، ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى، قۇرت - قوڭغۇز يەيدۇ.
«تۇمۇچۇق» چىرايلىق سايرايدۇ.
قۇشقاچتىن قورققان تېرىق تېرىماس. ئاسماندىكى تۇرنىدىن قولۇڭدىكى قۇشقاچ ياخشى. قوزا بىلەن تەڭ ئۇخلا، تورغاي بىلەن تەڭ تۇر. تۇمۇچۇقۇم سايرايدۇ، يارىم كەلگەن ئوخشايدۇ. تۇمۇچۇق يات يۇرتتا سايرىمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
بىر خىل قۇش، بېشى يۇمىلاق، قۇيرۇقى قىسقا، تۇمشۇقى كونۇس شەكلىدە، بېشىنىڭ چوققىسى بىلەن بوينى زىغىر رەڭ، دۈمبىسى قوڭۇر ۋە ئۈستىدە قارا قوڭۇر ئارىلاش كەلگەن سەپكۈنلىرى بولىدۇ. قۇيرۇقى توق قوڭۇر، قىسقا ھەم كىچىك كېلىدۇ. ئۇزاققا ئۇچالمايدۇ، سەكرەشكە ماھىر كېلىدۇ. دان ۋە ھاشاراتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ