Uyghur主要词典
قۇشايرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
تەسەۋۋۇپچى شەيخ. نېشابۇرلۇق. مەنسۇر ھەللاج پارچىلاپپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، سوپىزم بىلەن ئەنئەنىۋى ئېتىقادنى كۈچەپ مۇرەسسە قىلىپ ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ۋە شەرىئەتنى بەجا كەلتۈرۈشكە چاقىردى. ئۇ يازغان <مەكتۇبات> تا مەنىۋى ئىستىقامەتنىڭ باسقۇچلىرى ۋە شەكلى توغرىسىدا بەلگىلىمە ۋە ئىزاھات بېرىلىپ، بۇ ئەسەر تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ كلاسسىك ئەسىرى بولۇپ قالدى ھەمدە نۇرغۇن پەيلاسوپلار ئۇنىڭغا ئىزاھات يازدى. بۇنىڭدىن باشقا، قۇشايرى <قۇرئان كەرىم> توغرىسىدا تەسەۋۋۇپلۇق ئىزاھاتلارنى يېزىپ، ياخشى باھاغا ئىگە بولدى.