Uyghur主要词典
قۇش
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇمۇرتقىلىق ھايۋاناتنىڭ چوڭ بىر تۈركۈمى، تۇخۇم تۇغىدۇ ۋە باسىدۇ، ئۇلاردا چىش بولمايدۇ، تېنى پەيلەر بىلەن قاپلانغان، قانات قېقىپ ئۇچىدۇ، يەردە ماڭىدۇ.
قۇشنى يەم بىلەن ئالدايدۇ، كىشىنى گەپ بىلەن. مۈگدىگەن قۇشقا ئاسان ئوق تېگىدۇ. ئۇچار قانات قانىتى بىلەن ئۇچىدۇ، پۇتى بىلەن قونىدۇ. ئۇچار قانات ئۆتەلمەيدىغان ئېگىز تاغلاردىن ئۆتتۇق،
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇش.
ئۈرۈڭ قۇش _ ئاق لاچىن. قارا قۇش _ قارىقۇش. تەۋە قۇش _ تۆگىقۇش. يۇن قۇش _ توز. ئېل قۇش _ تاسقارا. ئاندىن قالسا، مۇشتەرى يۇلتۇزىمۇ « قارا قۇش» دېيىلىدۇ. مۇشتەرى يۇلتۇزى چىقسا، « قارا قۇش تۇغدى» دېيىلىدۇ. بۇ يۇلتۇز ئۇياقلاردا تاڭ ۋاقتىدا چىقىدۇ. ئوغۇزلار تۆگە پۇتلىرىنىڭ ئۇچىنىمۇ « قارا قۇش» دەيدۇ. قىز قۇش _ پەيلىرىنىڭ رەڭگى خامىلىيونغا ئوخشاش ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بىر خىل قۇش.
1 - 432
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ بىر سىنىپى، تېمپېراتۇرىسى تۇراقلىق بولىدۇ. تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدۇ. ئېغىزىدا چىشى يوق، پۈتۈن تېنىدە پەي - تۈكلەر ۋە كۆكرىكىدە تۆش ئۆسۈكى بولىدۇ. ئالدى ئايىغى قاناتقا ئۆزگەرگەن، ئارقا ئايىغى بىلەن ماڭىدۇ. قۇشلار ئومۇمەن ئۇچالمايدۇ. قۇشلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاق قۇشقاچ، قارلىغاچ، لاچىن، توخۇ، ئۆردەك، تۆگىقۇشى قاتارلىقلار قۇش تىپىغا كىرىدۇ.