Uyghur主要词典
قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى ۋە شەرھى
领域: ئىسلام ئاتالغۇلىرىبۇ <قۇرئان كەرىم> نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ۋاڭ جىڭزەي تەرجىمە قىلغان. كۆپ خىل تەپسىر نۇسخىلىرى (مەسىلەن، ھۈسەين، جالالىددىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەپسىر نۇسخىلىرى) دىن پايدىلىنىپ كلاسسىك خەنزۇ تىلى ۋە ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلىدا تەرجىمە قىلغان. تەرجىمە ئورىگىنالىنى 1925 - يىلى 3 - ئايدا شەندۇڭدا قولدىن چىقىرىپ، كېيىن تيەنجىن، بېيجىڭغا ئېلىپ كېلىپ تۈزەتكەن. 1932 - يىلى بېيپىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ) جۇڭگو ئىسلامىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلدى. سۈرىلەر خۇيزۇچە مەدرىسە تىلىدا تەرجىمە قىلىندى (A نۇسخا)، 1937 - يىلى قايتا تەرجىمە قىلىندى. 1942 - يىلى نىڭشادا تاش مەتبەئەدە بېسىلدى. (B نۇسخا)، 1945 - يىلى چۇڭچىڭدا ھازىرقى زامان خەنزۇتىلى بىلەن تۈزىتىلدى ھەمدە شەرھى كېڭەيتىلدى (C نۇسخا)، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى C نۇسخا ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، تېكىست بىر مىليوندىن ئارتۇق خەت بىلەن تەپسىر قىلىندى. ئەسەرنىڭ مەزمونى مول بولۇپ، خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىلىرى ئىچىدە تەسىرى خېلى چوڭ بولدى. كەڭ تارقالدى. 1946 - يىلى شاڭخەيدىكى يۇڭشاڭ كىتابخانىسى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تەرىپىدىن تارقىتىلدى. كېيىن شاڭگاڭ، تەيۋەن ۋە ئەرەب دۇنياسىدا قايتا بېسىلدى.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。