Uyghur主要词典
قۇرئان كەرىم
ئىسلام دىنى
«قۇرئان كەرىم» ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كالامى. «قۇرئان»نىڭ مەنىسى «ئوقۇماق» دېگەنلىك بولۇپ، مۇرىتلىرىدىن ئەۋلادمۇ ئەۋلاد قىرائەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىسلام مۇرىتلىرى ئۇنىڭغا نۇر، ھەقىقەت، ئەقىل - پاراسەت، پەرھىز، ۋەھىي، ئاللاھ ئاتا قىلغان مۇقەددەس كالام، مۇقەددەس كالاملارنىڭ ئانىسى دېگەندەك نۇرغۇن چىرايلىق مەدھىيە ناملىرىنى بەرگەن.
«قۇرئان كەرىم»دە جەمئىي30 پارە،114 سۈرە،6300 دىن كۆپرەك ئايەت بار بولۇپ، «مەككە بۆلىكى» ۋە «مەدىنە بۆلىكى» دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بۆلەككە بۆلۈنىدۇ. ئۇ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ23 يىللىق دىن تارقىتىش جەريانىدا، «ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى» سۈپىتىدە كەينى - كەينىدىن ئېلان قىلغان نۇتقىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ مەزمۇنى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئىسلام دىنىنى تارقىتىش مەزگىلىدە، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى كۆپ ئىلاھقا چوقۇنىدىغان مۇرىتلار، يەھۇدىي دىنى مۇرىتلىرى ۋە خرىستىئان دىنى مۇرىتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان بەس - مۇنازىرىسىنىڭ بايانلىرى؛ ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىنى تارقىتىش؛ ئەرەب جەمئىيىتىنىڭ تەشەببۇسلىرى ۋە ئېتىكا ئۆلچەملىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛ يەنە نۇرغۇن رىۋايەت، قىسسە، ناخشا - قوشاق، ماقال - تەمسىل قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مۇھەممەد پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا، «قۇرئان كەرىم» پارچە - پارچە خاتىرىلەنگەن. كېيىن, بىرىنچى ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلغۇچى خەلىپە ئەبۇ بەكر پەرمان چۈشۈرۈپ يىغىپ رەتلەتكۈزگەن. ئۈچىنچى ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلغۇچى خەلىپە ئوسمان دەۋرىگە كەلگەندە، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن مۇقىم نۇسخىسى تۈزۈپ چىقىلغان، بۇ نۇسخا ھازىرغىچە ساقلىنىپ، تارقىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ تارىختا «ئوسمان نۇسخىسى»، «مۇقىم نۇسخا» دەپ ئاتالغان.
«قۇرئان كەرىم» دىكى نۇرغۇن بەلگىلىمىلەر، مەسىلەن، چوشقا گۆشى يېمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، پاكىز يېمەكلىكلەرنى يېيىش، مېيىتنى پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇپ - تاراش، ئاق لاتا بىلەن كېپەنلەپ يەرلىككە قويۇش قاتارلىقلار ئۇزۇندىن بېرى ئىسلام دىنى مۇرىتلىرىنىڭ ئورتاق ئۆرپ - ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابىدۇر، <قۇرئان> دېگەن بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <قىرائەت قىلىش> دېگەنلىك بولىدۇ. <قۇرئان كەرىم> نىڭ 55 خىل نامى بار. جۈملىدىن <قۇرئان كەرىم>، <كىتاب>، <ۋەھىي>، <زىكىر>، <ئەل ھەق>، <ئەقىل - پاراسەت> دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ. مۇسۇلمانلار قۇرئاننى ئاللانىڭ سۆزى دەپ بىلىدۇ.
<... لەۋھۇلمەھپۇزدا بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا (مۇقىملاشقان) يۇقىرى مەرتىۋىلىك ھېكمەتلىك (كىتاب) دۇر> (43 - سۈرىنىڭ 4- ئايىتىدىن). <لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر> (85 - سۈرىنىڭ 22 - ئايىتىدىن). <ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، ئىشەنچلىك جىبرىئىل ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە ئېلىپ چۈشتى. (قۇرئان) ئوچۇق ئەرەبى تىلىدا (نازىل بولدى)> (26 - سۈرىنىڭ 193 -، 194 -، 195 - ئايەتلىرى). ئىسلام مۇفەسسىرلىرىنىڭ قارىشىچە، قۇرئان ھەدىسكە ئوخشىمايدۇ. قۇرئاننىڭ مەنىسى ۋە ئىبارىلىرى ۋەھىي بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارغا نازىل بولغان ئاخىرقى كاتتا كىتاب ھېسابلىنىدۇ. بۇرۇنقى كىتابلارنىڭ مەنىسى ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن. قۇرئاننىڭ نازىل بولۇشى بىلەن بۇرۇنقى كىتابلار ناسىخ قىلىندى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 23 يىل (مىلادىيە 610 - يىلىدىن 632 - يىلىغىچە) دىننى تەرغىب قىلىش داۋامىدا ئاللانىڭ ۋەھىيىسى نامىدا قۇرئاندىكى سۈرىلەرنى ئېلان قىلىپ تۇردى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا سۈرىلەرنى ئاڭلىغانلار يادلىۋالدى ياكى تېرىلەرگە، تاشلارغا، سۆڭەكلەرگە، خورما پوپۇرماقلىرىغا يېزىۋېلىپ تارقاق ساقلىدى، توپلاپ كىتاب قىلمىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، سۈرە - ئايەتلەرنى پىششىق بىلىدىغان ياكى يادلىۋالغان كىشىلەرمۇ شېھىت بولۇپ، ئالەمدىن ئۆتۈپ ئازىيىشقا باشلىدى. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان. ئەبۇ بەكرى زەيد بىننى سابىتقا كىشىلەرنىڭ قولىدا تارقاق ساقلىنىۋاتقان سۈرە - ئايەتلەرنى كۆچۈرۈپ، توپلاشنى بۇيرۇدى. مۇسھەف (توپلام) نى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى، ھەزرىتى ئۆمەر، ھەفسەلەر ساقلىدى. ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىگە كەلگەندە جايلاردىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا سۈرىلەرنى ئوقۇش بىردەك بولماسلىق تۈپەيلىدىن پات - پات تالاش - تارتىش بولۇپ، سۈرىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش جىددىي زۆرۈر بولۇپ قالدى. خۇزەفەنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ھەزرىتى ئوسمان زەيد بىننى سابىت، ئابدۇللا بىننى زۇبەير قاتارلىق كىشىلەرگە مۇسھەفنى ھەفسە بىلەن بىللە يېڭىباشتىن سېلىشتۇرۇپ، تۈزۈپ چىقىشنى ھەمدە قۇرەيشلەرنىڭ يەرلىك شېۋىسىنى ئاساس قىلىپ بىرنەچچە پارچە كۆچۈرۈپ چىقىشنى (نەچچە پارچە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھەرخىل سۆزلەر بار)، مەدىنىدە بىر قىسمىنى ساقلاپ قالغاندىن باشقا، قالغانلىرىنى خەلىپىلىكنىڭ ئالتە شەھىرىگە (مەككە، دەمەشىق، كۇفە، يەمەن، بەسرە ۋە بەھرەين ئارىلىغا) تارقىتىپ بېرىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە جايلاردا تارقىلىپ يۈرگەن نۇسخىلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشنى بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ نۇسخا <ئۆلچەملىك مۇسھەف> يەنى <ئىمام نۇسخىسى> بولۇپ، تارىختا <ئوسمانى مۇسھەف> (ئوسمانىيە نۇسخىسى) ياكى <بېكىتىلگەن نۇسخا> دېيىلىپ، ھازىرغىچە قوللىنىپ كېلىندى. ھازىر دۇنيادا قوللىنىۋاتقان <قۇرئان كەرىم> ئاشۇ <بېكىتىلگەن نۇسخا> نىڭ كۆچۈرۈلمىسى ۋە تەرجىمىسى بولۇپ، ئۇ 30 پارە، 114 سۈرە، 6200 دىن ئارتۇق ئايەتتىن تەركىب تاپقان؛ <مەككىدە نازىل بولغان> (قۇرئاننىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەيدۇ) ۋە <مەدىنىدە نازىل بولغان> (تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ) دىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا، يەتتە مەنزىلگە، 60 نىسفقا بۆلۈنىدۇ. مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئىسلام دىنىدىكى ئاساسىي ئېتىقاد ۋە ئاساسىي پەرزلەر ئىچىدە ئاللانىڭ بىرلىكىنى، ئاللاغا بويسۇنۇشنى، سەۋرى قىلىشنى، ياخشىلىق قىلىشنى، سەدىقە بېرىشنى ۋە تەقدىرنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ؛ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى جەمئىيەتنىڭ ھەرخىل تەشەببۇس ۋە ئېتىكا قائىدىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇممەگ تىكلەپ بېرىلگەن دىنىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، ھەربىي، قانۇن - تۈزۈم ۋە ئېتىكا قائىدىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئۇنىڭدا كاپىرلار؛ پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغۇچىلار، مۇشرىكلار، يەھۇدىيلار ۋە خرىستىئانلار بىلەن بولغان مۇنازىرىلەر خاتىرىلەنگەن؛ دىننى تەرغىب قىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئومۇملاشقان يەھۇدىي دىنى، خرىستىئان دىنى ۋە قەدىمكى ئەرەبلەرگە دائىر قىسسەلەر، رىۋايەتلەر ۋە تەمسىللەر نەقىل كەلتۈرۈلگەن؛ دىنىي مۇراسىم ۋە نەسىھەت پائالىيەتلىرىگە دائىر قەسەمنامە، دۇئا - تىلاۋەتلەرنى، ئاگاھلاندۇرۇشلارنى، <مەخپىي> ۋە مەنىسى باتىن سۈرە - ئايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئاسمان - زېمىن، قۇياش، ئاي، بۇلۇت، يامغۇر، يۇلتۇزلار، نۇر، يەر تەۋرەش قاتارلىق تەبىئەت ھادىسلىرىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 23 يىللىق دىنىي تەبلىغات پائالىيىتى قاتارلىق ئەھۋاللار بايان قىلىنىدۇ. سۈرىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش تەرتىپىدە پروگرامما خاراكتېرلىك ئىمان دۇئاسى تۇنجى سۈرە قىلىنغان، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋىتى زىچ بولغان بەزى ئۇزۇن سۈرىلەر ئۇنىڭ كەينىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇلارنىڭ كەينىگە پەند - نەسىھەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇشقا دائىر مەزمۇنلار، ئاندىن كېيىن سۈرىلەر ئۇزۇن - قىسقىلىق تەرتىپى بويىچە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ سۈرىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي تۇرمۇشى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەپ، ئىسلام دىنىدا ئەھكام چىقىرىش ۋە دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدە تىكلەشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي مىزانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام دىنى تارىخىدىكى ھەرخىل مەزھەپلەر، تەلىماتلار، ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىملىرى ۋە ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەر كۆپ ھاللاردا قۇرئاننى دەستۇر (نەزەرىيە) ئاساسى قىلدى. مۇئتەزىلىيەلەر قۇرئاننى يارىتىلغان دېگەنلىكى ئۈچۈن ئەنئەنىچىلەر تەرىپىدىن ئەيىبلەندى. قۇرئانشۇناسلىقتا <قۇرئان كەرىم> نى تەتقىق قىلىش، تەپسىر قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى؛ ئوقۇش، يادلاش، چىرايلىق يېزىش ياخشى ئەمەل سۈپىتىدە مەشرۇئ قىلىندى؛ قۇرئاننىڭ نۇرغۇن يازما ۋە ئويما نۇسخىلىرى ھۆسىنخەت بىلەن يېزىلىپ، كاتتا مۇقاۋىلاندى. تەتقىق ۋە تەپسىر قىلىشنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، سۈرە يېزىلغان بەتلىرىنىڭ چۆرسىدە سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇز قىلىنىشى، سۈرە نامى، ئايەت سانى، نازىل بولغان جاي، رۇكۇ ياكى سەجدە قىلىش قاتارلىقلار رەسمىي كۆرسىتىلىپ مۇقىم پرىنسىپ قىلىندى. قۇرئاننىڭ تۇنجى نۇسخىسى 1530 - يىلى تۇنىستا بېسىلدى. ئاندىن كېيىن 1694 - يىلى ھامبورگ نۇسخىسى، 1787 - يىلى ساينت پېتېربۇرگدا موللا ئوسمان نۇسخىسى بېسىلدى. 19 -ئەسىرگە كەلگەندە تۈركىيە، پرسىيە، ھىندىستانلاردىمۇ قۇرئاننىڭ باسما نۇسخىلىرى بارلىققا كەلدى. قۇرئاننىڭ ئەڭ بۇرۇنقى تەرجىمە نۇسخىسى Ⅺ ئەسىردىكى باغدادتا بارلىققا كەلدى. 1143 - يىلى تۇنجى لاتىنچە تەرجىمىسى ئىشلەندى ھەمدە 1543 - يىلى باسېلدا نەشر قىلىپ تارقىتىلدى. قۇرئاننىڭ ئەرەبچە نۇسخىسى ھەممىدىن بۇرۇن رىمدا باستۇرۇلدى، لېكىن تارقىتىلمىدى. 1694 - يىلى ھامبۇرگ نۇسخىسى چىققاندىن كېيىن، غەربتە بىرنەچچە نۇسخىسى نەشر قىلىندى. جۇڭگونىڭ مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە خەتمە قۇرئان (قۇرئاندىن تاللانمىلار) بارلىققا كېلىشكە باشلىدى ھەمدە سۈرىلەر خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن خەنزۇچە - ئەرەبچە سېلىشتۇرما تەرجىمە نۇسخىسى، خەنزۇچە ماس تاۋۇشلۇق نۇسخىسى ۋە 6218 - يىلى دۇ ۋېنشۇنىڭ باسما كىتابى چىقتى؛ ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدا قۇرئاننىڭ ھازىرقى خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى چىقتى. بۇنىڭدىن باشقا، شەمسىددىن داموللام، مۇھەممەد سالىھلار ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى ئىشلىدى. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىغىچە <قۇرئان كەرىم> دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 70 خىل يېزىققا تەرجىمە قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن قوليازما نۇسخىلىرى ساقلاندى.