Uyghur主要词典
قۇرۇق قورۇلغان تاسمىبېلىق
领域: ئۇيغۇر تائاملىرىيېڭى تاسمىبېلىق بىر دانە، قۇرۇق ئۇن مۇۋاپىق مىقداردا، تۇخۇم بىر دانە، تۇز ، جاڭيۇ مۇۋاپىق مىقداردا، ئاقمۇچ ئازراق، ئۇۋاق قىزىل لازا، سېرىق ھاراق مۇۋاپىق مىقداردا.
1. تاسمىبېلىقنى پاكىز قىرىپ، يۇيۇپ، تازىلاپ، باش، قۇيرۇقىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇزۇنلۇقىنى بەش سانتىمېتىر (يەنى بېلىقنىڭ تېنىنى تۈز قويۇپ، پىچاقنى قىيپاش سېلىپ توغرىساق كرېست شەكلىدە توغرىلىدۇ) قىلىپ توغرىلىدۇ.
2. توغرالغان بېلىققا ئازراق سېرىق ھاراق، تۇز، جاڭيۇ، بىر تال تۇخۇم، قۇرۇق ئۇن سېلىپ ئۇزاق تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، 7~8 دەرىجىدىكى مايغا سېلىپ سېرىق رەڭگە كىرگەندە سۈزۈپ ئېلىپ تەخسىگە تىزىپ، ئۈستىگە ئاقمۇچ، تۇز، ئۇۋاق لازا سېپىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。