Uyghur主要词典
قۇرۇقلۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يەرنىڭ دېڭىز - ئوكيانلار بىلەن ئورالغان ئالتە قىسمىنىڭ ھەر بىرى.
«قۇرۇقلۇق» قىتئەنىڭ كەڭ يېرىنى كۆرسىتىدۇ، ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
يەر شارى يەتتە قىتىئەگە بۆلۈنگەن: ئاسىيا، ياۋرۇپا، ئافىرىقا، شىمالىي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، جەنۇبىي قۇتۇپ. جۇڭگونىڭ تەيۋەن قاتارلىق ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان تېررىتورىيىسى «چوڭ قۇرۇقلۇق» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قۇرۇق بولغان ھالەت.
ھاۋانىڭ قۇرۇقلۇقى.
سۇسىز قۇرۇق جاي، يەر.
لەھەڭ دەريانىڭ لىۋىگە كېلىپ، بېشىنى چىقىرىپ تۇرۇپ، ھاتەمنى قۇرۇقلۇققا پۈركىۋەتتى.
<جۇغ> يەر شارىنىڭ دېڭىز - ئوكياندىن باشقا قىسمى.
چوڭ قۇرۇقلۇق. قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قۇرۇپ قويۇلغان، قۇرۇلغان.
ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇقلۇق، مەككار دۈشمەن كەلسە ئەگەر بۇياققا.