Uyghur主要词典
قۇمۇل شەھەر ئىچى جۈمە مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مەسچىت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇمۇل شەھىرىدىكى شەھەر ئىچى يېزىسدا بولۇپ، مىلادىيە 1507 _ يىلى ( ھىجرىيە 912 _ يىلى ) مۇھەممەد ئېلى بەگ تەرىپىدىن سېلىنغان ( مۇھەممەت ئېلى بەگ 1490 _ يىلى ئىلىدىن قۇمۇلغا كېلىپ 1597 _ يىلغىچە ئوغوللىرى بىلەن قۇمۇلغا 107 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان ). 285 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ( تەخمىنەن 1702 _ يىلى ) ماھرۈي ئاپاق خېنىم ئاتلىق بىر ئايال كىشى 2_ قېتىم چوڭ رېمونت قىلىدۇرۇپ ياساتقان، گۇڭشېلىشىش يىللىرى تاشقى ھويلىسىنىڭ دەھلىز ياغاچلىرىنى سۆكۈپ يېزا قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتكەن. 1990 _ يىللىرى مۇسۇلمان جامائەت ئىئانە توپلاپ قايتىدىن ياسىغان. بۇ مەسچىتتە مىڭ ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ.