Uyghur主要词典
قۇمۇل ھېيتگاھ جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مەسچىت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنڭ قۇمۇل شەھەر ئىچى يېزىسىدىكى قۇمۇل شەھەر ئىچى يېزىسىدىكى ۋاڭلىرى قەبرىستانلىقى _ ئالتۇنلۇقتا بولۇپ، بۇ مەسچىت ئەڭ بۇرۇن 1 _ ئەۋلاد قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭى ئەبەيدۇللا ( 1697 _ يىلىدىن 1709 _ يىلىغىچە ۋاڭلىق تەختىدە ئولتۇرغان ) دەۋىردە ۋە 6 _ ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئەردىشر ( 1780 _ يىلىدىن 1813 _ يىلغىچە تەجىتتە ئولتۇرغان ) لار تەرىپىدىن ئىككى قېتىم شەرق تەرەپكە تەرەپكە كېڭەيتىلىپ ھازىرقى ئورنى مۇقىملاشتۇرۇلغان، قۇمۇل ئالتۇنلۇن ھېيتگاھ جامەسىنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 60 مېتىر. جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 38 مېتىر بولۇپ، 2 مىڭ 280 كۋادرات مېتىر يەرنى ئىگىلەيدۇ. مەسچىتنىڭ قۇرۇلمىسى ئۇيغۇر مىللىي ئىمارچىلىق ھۈنەر سەنئىتى بويىچە ياسالغان. 108 سېۋەتباش تۆرۈك بار. تورۇسى قىرلىق لىم، تاختاي بىلەن يېپىلغان، ئىككى چوڭ ئۆگزە پەنجىرىسى بار. تاملىرىغا ئەرەبچە ئايەت، ھەدىسلەر ئۇيغۇرچە ھۆسنخەت بىلەن يېزىلغان. شەرق تەرەپتە ئۈچ چوڭ ئىشىكى بار. 22 مېتىر ئېگىز پەشتىقى بار. 5000 ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ. قۇمۇل ئالتۇنلۇق ھېيتگاھ جامەئەسى 1948 _ يىلدىن بۇيان تۆت قېتىم رېمونت قىلىندى. جامەنىڭ قەدىمىلىكى، چوڭلۇقى، جەھەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەشھۇر مەسچىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.