Uyghur主要词典
قۇلاق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . ئاڭلاش ئەزاسى.
قۇرلاق تۆۋى. * قۇلاق مارجىنى . * قۇلاق ئالدى بېزى * قۇلاق گىجىكى. *قۇلاق كولىغۇچ. * قۇلاق موللىسى. * تۆشۈك قۇلاق نېمىنى ئاڭلىمايدۇ. * ئاڭلىغان قۇلاقتا گۇناھ يوق (ماقال) . گەپ بىر، قۇلاق ئىككى (ماقال) .
2 . تۇتقۇچ. ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت. * قۇلاقنى قەيەردىن چىقارسا، قازانچىنىڭ ئىختىيارى.
3 . بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرمىقى. قوغۇن ئۈچ قۇلاق چىقىرىپتۇ.
4 . چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ تەڭشىگۈچىسى. بىر كەلپىنلىك دوستۇم دەيدۇ: «ئۈچتۇرپانلىق تەمبۇرنى ئالىتكەن، قۇلاق بىلەن بالا قالىتكەن ، بىز ئالتىمىز، چالىتىمىز. »
5 . ئاياغ كىيىملىرىنىڭ كىيىگەندە تارتىدىغان يېرى. ئۆتۈكنىڭ قۇلىقى ئۈزۈلۈپ كەتتى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئاخپاراتچى، ئىشپىيون.
قۇلاق نومۇسىز كېلىدۇ، ھەممىنى چاقىدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
پومېشچىك، زومىگەر، باي دېھقان (كونىرىغان سۆز ) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز
سۇ ئۆلچىمى (شېۋە) .
ئۈچ قۇلاق سۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆپ مىقداردا يەر ئېگىلىگەن، ئۆزى مۇھىم ئەمگەككە قاتناشسىمۇ، يېرىنى كىشى ياللاپ تېرىدىغان ياكى ئىجارىگە بېرىدىغان دېھقان.
يەر ئىسلاھاتىدا باي دېھقانلارنىڭ ئوشۇق يەرلىرى مۇسادىرە قىلىنىغانىدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەت، تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ مەخپىيىتى، ئىش _ ھەرىكىتى ۋە ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە، پايلاشقا تەييارلىغان ۋە قويغان كىشى.
جاسۇس جان ئالىدۇ. ئىشپىيوننىڭ ئىشتىھاسى چوڭ. ئاشكارا ئىشقا تىڭچىنىڭ نېمە كېرىكى؟ مۈشۈكنىڭ بېلىققا پايلاقچى قىلساڭ، بېلىقنىڭ يوقىلىش خەۋپى بار. قۇلاق قۇلاقنى تىنجىتماس. گومىنداڭ ئاخباراتچىلىرى تىملاندى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەسۋاب - سايمانلارنىڭ قول بىلەن تۇتىدىغان يېرى.
سېپى ئۆزىدىن. پۇچۇق قوشۇقنىڭ سېپى تەگمەك. تۇتقۇدەك سېپى يوق، قىچارغۇدەك ئېتى. تۇخۇمغا تۇتقۇچ كەتمەيدۇ. سېۋەتنىڭ بېغى چىڭ بولسۇن. ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت. قۇلاقنى نەدىن چىقارسا قازانچىنىڭ ئىختىيارى. جولدىسى سۇنغان پالتا كېرەككە كەلمەيدۇ. پىچاق دەستىسىنى كېسەلمەيدۇ. يىتكەن پىچاقنىڭ دەستىسى ئالتۇن. چۆگۈننىڭ تۇتقۇسى قىزىپ كېتىپتۇ. ئىشىكنىڭ تۇتقۇسىنى تۇت.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇلاق.
بەزىلەر « قۇلخاق»، بەزىلەر « قۇلقاق» دەيدۇ.
1 - 498
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇلاق تون _ قىسقا يەڭلىك تون.
1 - 498
بىئولوگىيە
بەزى ھايۋانلارنىڭ ئاڭلاش سېزىمىنى ۋە تەڭپۇڭلۇقىنى باشقۇرىدىغان ئورگىنى. ھايۋانلارنىڭ تۈرى ئوخشىمىغانلىقتىن قۇلاقنىڭ تۈزۈلۈشى ھەم فۇنكسىيىسىنىڭ مۇكەممەللىك دەرىجىسىمۇ ئوخشاشمايدۇ. ئادەم ۋە ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ قۇلىقى تاشقى قۇلاق، ئوتتۇرا قۇلاق، ئىچكى قۇلاقتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. تاشقى قۇلاق، قۇلاق سۇپرىسى ھەم تاشقى قۇلاق يولىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇلاق سۇپرىسىنىڭ تىرەك جازىسى كۆمۈرچەك بولغاچقا ئېلاستىكىلىققا ئىگە بولۇپ، ئاۋاز دولقۇنلىرىنى يىغىش رولىنى ئوينايدۇ (بەزى ھايۋانلارنىڭ مەسىلەن، توشقان، ئىت قاتارلىقلارنىڭ قۇلاق سۇپرىسى ئاۋاز دولقۇنى كېلىۋاتقان تەرەپكە ئايلىنالايدۇ). ئادەمنىڭ قۇلاق سۇپرىسىدا قۇرۇق يىڭنە سانجىلىدىغان پەللە بولىدۇ. تاشقى قۇلاق يولى ئەگرى توقاي بولۇپ، ئاۋاز دولقۇنىنىڭ قۇلاق ئىچىگە كىرىش يولى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ دىۋارىدا قۇلاق سېغىزى بېزى بولۇپ، سېرىق شىلىمشىق ماددا (قۇرۇغاندىن كېيىن قۇلاق كىرىگە ئايلىنىدۇ) ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئۇ ئۇششاق ھاشاراتلارنىڭ قۇلاققا كىرىپ زىيان سېلىشىدىن ساقلاش رولىغا ئىگە. ئوتتۇرا قۇلاق ناغرىخانا، يۇتقۇنچاق - ناغرىخانا قانىلى، ناغرا كاۋىكى ۋە ئەمچەكسىمان ئۆسۈكچە دالانچىلىرى قاتارلىق تۆت قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ناغرىخانا چېكە سۆڭەك ئىچىگە جايلاشقان، تاشقى يان دىۋارىدا بىر قەۋەت نېپىز پەردە يەنى ناغرىخانا پەردىسى بولۇپ، شۇ ئارقىلىق تاشقى قۇلاق بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. يۇتقۇنچاق - ناغرىخانا قانىلى، ناغرىخانىنىڭ ئالدى دىۋارى بىلەن يۇتقۇنچاقنى تۇتاشتۇرىدىغان قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ناغرىخانىدا ئۈچ پارچە كىچىك ئاڭلاش سۆڭىكى يەنى بولقا سۆڭەك، سەندەل سۆڭەك، ئۈزەڭگە سۆڭەكلەر بولۇپ، ئۇچى تارىمۇشلار ئارقىلىق ئۆز - ئارا تۇتىشىدۇ. بولقا سۆڭەك يەنە ناغرا پەردىگە، ئۈزەڭگە سۆڭەك يەنە ئىچكى قۇلاققا تۇتىشىدۇ. ئاڭلاش سۆڭەكچىلىرى سىرتقى ئاۋاز دولقۇنلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ناغرا پەردە تەۋرىنىشىنى ئىچكى قۇلاققا يەتكۈزۈپ ئاڭلاش سېزىمىنى پەيدا قىلىدۇ. يۇتقۇنچاق - ناغرىخانا قانىلى ناغرا پەردىنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھاۋا بېسىمى تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ ناغرا پەردىنى قوغداش رولىغا ئىگە. ئىچكى قۇلاق يەنە <ئېزىتقۇ يول> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ سۆڭەك ئېزىتقۇ يولى ۋە پەردە ئېزىتقۇ يولىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سۆڭەك ئېزىتقۇ يولىدا قۇلاق قۇلۇلىسى، دەھلىز ۋە ئۈچ دانە سۆڭەك يېرىم ئايلانما نەيچىسى بولىدۇ. پەردە ئېزىتقۇ يولىدا قۇلۇلە قانىلى، سوقىچاق خالتا، شارسىمان خالتا ۋە ئۈچ دەنە پەردە يېرىم ئايلانما نەيچىسى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قۇلاق قۇلۇلىسىنىڭ قۇلۇلە قانىلى ئاڭلاش سېزىمىغا مۇناسىۋەتلىك، دەھلىز ھەم يېرىم ئايلانما نەيچىلەر ئورۇن سېزىمى (تەڭپۇڭلۇق سېزىمى) گە مۇناسىۋەتلىك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<ئانات> ئاڭلاش ئورگىنى.
بەزى نەرسىلەرنىڭ ئېلىپ قويۇش، كۆتۈرۈش قاتارلىقلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قىسمى:
چېلەكنىڭ قۇلىقى.
بەزى باش كىيىملىرىنىڭ قۇلاقنى يېپىپ تۇرۇش ياكى ئىسسىتىش ئۈچۈن چۈشۈرۈپ قويۇلىدىغان ئۇزۇن قىسمى.
ئۇ ئىككى قۇلىقىنى كەينىگە قايرىپ باغلىۋالغان قۇلاقچىسىنى بېشىدىن ئالدى.
بەزى مېخانىزم ۋە مۇزىكا ئەسۋابلىرىنىڭ بۇراپ ئىشقا چۈشۈرۈش ياكى سازلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قىسمى.
دۇتارنىڭ قۇلىقى. ساتارنىڭ قۇلىقى.
<بوت > ئۆسۈملۈكنىڭ دەسلەپكى چىقارغان يوپۇرمىقى، بەرگى ياكى بىخى.
كۆممىقوناق مايسىلىرى ئۈچ قۇلاق بولۇپ ئۆستى.
كۆچمە. تىڭتاڭچى.
بىلال ئەزىزى ئاۋازىنى سەل پەسەيتىپ: - ھازىر گومىنداڭ ساقچى ئورگانلىرى قۇلاقلىرىنى شەھەر، ناھىيە، يېزا ۋە يول بېكەتلىرىگە تېرىقتەك تېرىۋەتتى، - دېدى.