Uyghur主要词典
قۇيرۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىلگىرى باي - خوجاملار كەمبەغەل - يوقسۇللارنى ھاقارەت يۈزىسىدىن شۇنداق ئاتاشقان.
نادەمنىڭ ئاكىسى نادىر ئاتلىق كالتە قۇيرۇق كىشىلەرنى قۇترىتىپ، بىزنى يوقاتماقچى بولغان، - دېدى ئەختامباي. ئۇ قىزىلپاچاق ئوغرىنىڭ ئەدىبىنى بېرىش كېرەك، - دەيتتى ئۇ باي. يالاڭتۆشلەرگە ھەرگىز رىئايە قىلمايمەن، - دېدى ساقچى باشلىقى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كۆچىنچە ھايۋانلاردا تەننىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئومۇرتقا ئۇچىدا بولىدىغان ۋە ئۇزۇنلۇق دەرىجىسى ھەر خىل قىل - تۈكلىرى بولىدىغان ئەزا.
ئاتنىڭ قۇيرۇقى. ئېشەكنىڭ قۇيرۇقى.
قۇشلار گەۋدىسىنىڭ ئارقا تەرىپىدە بولىدىغان پەي قىسمى.
كەپتەرنىڭ قۇيرۇقى.
بەزى قويلارنىڭ كەينى تەرىپىدە سان بىلەن بەل ئوتتۇرىسىدا ئۆسكەن ياغ قىسمى ۋە قوينىڭ شۇنداق قىسمىدىن چىققان ياغ.
قوينىڭ قۇيرۇقى.
ئادەم بەدىنىنىڭ سان بىلەن بەل ئوتتۇرىسىدىكى يۇمشاق ئارقا قىسمى، كاسا.
قۇيرۇقىغا ئوكۇل قويماق.
بەزى نەرسىلەرنىڭ قۇيرۇققا ئوخشايدىغان قىسمى.
لەگلەكنىڭ قۇيرۇقى.
ئايروپىلان، كېمە، پويىز ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئارقا قىسمى، ئارقا تەرىپى ياكى باش تەرىپىنىڭ ئەكسى تەرىپىدە بولغان قىسمى.
كېمىنىڭ قۇيرۇقى.
بىر كىمنىڭ ئارقىسىغا كىرىۋېلىپ ھېچبىر ئايرىلمايدىغان كىشى.
مەن نەگىلا بارسام، ئۇ ماڭا قۇيرۇق بولۇپ تەڭ بارىدۇ.
كۆچمە. سەلب. بىرەر يامان ئىش ياكى ھەرىكەتنىڭ ئەگەشكۈچىسى؛ قالدۇق، گۇماشتا.
جىنايەتچىنىڭ قۇيرۇقى.
كۆچمە. ئاخىرى، كەينى.
ھېساباتنىڭ قۇيرۇقىنى ئۈزمەك.
كۆزنىڭ چېكىگە يېقىن قىسمى، كۆزنىڭ بۇلۇڭى.
كۆزنىڭ قۇيرۇقى بىلەن قارىماق.
تېپىلگەن خاماننى شامالغا ئېتىپ سورۇغاندا، شامال ئۇچۇرۇپ كېتەلمەي قالغان يىرىك، دان ئارىلاش قالدۇق چار قىسمى.
خاماننىڭ قۇيرۇقىنى ئايرىماق